باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز سۇچىلىق مىنىستىرلىقى بىلەن 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدا سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

شىنجاڭچە سۇچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا ماڭايلى

سۆھبەت يىغىنىغا جاڭ چۈنشيەن، چېن لېي قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2015.07.27 15:57         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونىمىز 24 - ئىيۇل چۈشتىن كېيىن سۇچىلىق مىنىستىرلىقى بىلەن 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە ئاپتونوم رايونىمىزغا سۇ ئىشلىرىدا ياردەم بېرىش توغرىسىدا سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتكومىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - سىياسىي كومىسسارى جاڭ چۈنشيەن بىلەن سۇچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى چېن لېي سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دىدى: مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزغا سۇ ئىشلىرىدا پۈتۈن سىستېما بويىچە ياردەم بېرىشنى ئىلگىرى سۈردى. شىنجاڭغا ياردەم بېرىش پىلانىنىڭ يېتەكلەشچانلىقى كۈچلۈك، مەبلەغ ئارقىلىق قوللاش سالمىقى زور، قۇرۇلۇش تۈرلىرى كۆپ بولغاچقا، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ھەقىقىي ئۈنۈم بەردى. ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەننىڭ ئورتاق تىرىشىشى ۋە سۇچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ زور دەرىجىدە قوللىشى، شۇنداقلا قېرىنداش ئۆلكە (شەھەر)لەرنىڭ خالىس ياردەم بېرىشى بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى، خەلق تۇرمۇشى سۇچىلىق قۇرۇلۇشى ۋە سۇ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدا يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، سۇچىلىق ئىسلاھاتىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىندى، بۇنىڭ بىلەن سۇ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئەڭ تېز، ئاممىغا ئەڭ كۆپ نەپ يەتكۈزۈش مەزگىلىگە كىردى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: «سۇچىلىق گۈللەنسە، شىنجاڭ گۈللىنىدۇ»، ئاپتونوم رايونىمىز سۇچىلىق خىزمىتىنى شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىستراتىگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ كەلدى، 13 - بەش يىللىق يېرىك پىلان مەزگىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھاللىق جەمئىيەتكە پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەم قويۇش مەزگىلى ھەم ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلى، شۇنداقلا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم مەزگىلى، بۇلار سۇچىلىق ياردىمى ۋە كاپالىتىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئاپتونوم رايونىمىز سۇچىلىق مىنىستىرلىقى بىلەن بىللە، 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى سۇچىلىق تەرەققىيات پىلانىنى ياخشى تۈزۈپ، 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە شىنجاڭغا سۇچىلىق تۈرلىرىدە ياردەم بېرىشنى ياخشى پىلانلاپ، شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق تەرەققىياتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سۇ مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىپ، شىنجاڭچە سۇچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا مېڭىشىمىز كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سۇچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تۆۋەندىكى ئالتە تۈرلۈك خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش كېرەك:

  بىرىنچى، زور سۇچىلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. نۇقتىلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش، زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىدا مەركەزنىڭ يىللىق سېلىنما پىلانىنىنىڭ% 90 دىن ئارتۇقراقىنى باشلامچىلىق بىلەن ئورۇنداش، باشقا سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىدا% 80 دىن ئارتۇقراقىنى ئورۇنداش كېرەك.

  ئىككىنچى، خەلق تۇرمۇشى سۇچىلىق تەرەققىياتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىپ، يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىك قۇرۇلۇشىنى پۇختىلاپ، ياخشىلاش خىزمىتىنى بالدۇر پىلانلاپ، ئوتتۇرا، كىچىك دەريالارنى تۈزەش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئېتىز - ئېرىق سۇچىلىق خىزمىتىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش،تۇرمۇش شارائىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش كېرەك.

  ئۈچىنچى، سۇ بايلىقىنى تېجەش ۋە قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك. سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇشتىكى «ئۈچ قىزىل سىزىق»قا ئاساسەن، كۆرسەتكۈچنى كونترول قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۇ بايلىقىنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارى چەكلىمىسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش؛ چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى سۇغىرىش رايونلىرىنىڭ سۇ تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش تۈرىنى تىزلىتىپ، يۇقىرى ئۈنۈمدە سۇ تېجەپ سۇغىرىش تۈرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سۇ ۋە تۇپراقنى ساقلاپ قېلىش، سۇ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بويىچە ئۈلگىلىك شەھەر قۇرۇش ۋە نۇقتىلىق ۋادىلارنىڭ سۇ ئېكولوگىيە مۇھىتىنى قوغداش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش كېرەك.

  تۆتىنچى، جەنۇبىي شىنجاڭغا سۇچىلىقتا ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. يەكەن دەرياسى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، تۈزەش ۋە بىر تۈركۈم تاغلىق رايون سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ پۇقرالىرىنىڭ بەخت - سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك سۇ مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ ماس تەرەققىياتى ئۈچۈن، سۇچىلىق جەھەتتە ياخشى يۆلەك بولۇش كېرەك.

  بەشىنچى، سۇچىلىقتىكى نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىدىكى سۇ باھاسى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، سۇچىلىققا مەبلەغ سېلىش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش، سۇ ھوقۇقى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىسلاھات ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سۇچىلىقنى ئىلمىي تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق تۈزۈلمە ئىسلاھاتى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك.

  ئالتىنچى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى بىلەن يەرلىكنىڭ سۇچىلىقىنى بىرلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بىڭتۇەننىڭ سۇچىلىق خىزمىتىنى قوللاپ، ئاپتونوم رايونىمىز ۋە بىڭتۇەننىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، تەڭ پىلانلاپ، تەڭ قۇرۇلۇش قىلىپ، تەڭ مەنپەئەتلىنىش كېرەك.

  چېن لېي مۇنداق دىدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى سۇچىلىق خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ «ھاياتلىق لىنىيەسى» ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىنى چىقىش قىلىپ، سۇچىلىقنى ئىسلاھ قىلىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى پىلانلاپ ۋە ئورونلاشتۇرۇپ، 12 - بەش يىللىق يېرىك پىلان يولغا قويۇلغاندىن بۇيان كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىل شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق ئىشلىرىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭى ھالقىشنى قولغا كەلتۈرىدىغان مۇھىم مەزگىل، شۇنداقلا شىنجاڭغا سۇچىلىق ئىشلىرىدا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە بىرلىشىپ قۇرۇلۇش قىلىدىغان ھالقىلىق مەزگىل. بىز 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، 13 - بەش يىللىق يىرك پىلاننى تۈزۈشتە سۇچىلىقتا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سالمىقىنى ھەر تەرەپتىن ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە ئۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا سۇچىلىق جەھەتتە ئەتراپلىق ياردەم بېرىمىز ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  ئاپتونوم رايون ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى رەھبەرلىرىدىن چې جۈن، خەن يۇڭ، بەي جىجيې، ليۇ شىنچى، دۇڭ شىنگۇاڭ، چيەن جى، ۋەن خەيچۇەن، سۇچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ رەھبەرلىرىدىن جياۋ يۇڭ، جۇ شۆۋېن، ليۇ يامىڭ، چېن شياۋجياڭ، ۋاڭ خۇڭ قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. (مۇخبىر جاڭ لېي خەۋىرى)


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر