باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تۇرپاندىكى كارىزلارنىڭ يوقىلىش سۈرئىتى ئاستىلىماقتا

2015.07.27 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ27-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۇرپاندىكى كارىزنىڭ يوقىلىش سۈرئىتى بۈگۈنكى كۈندە كۆرۈنەرلىك ئاستىلىدى ، پۇختىلانغان، رېمونت قىلىنغان كارىزلارنىڭ سۇ چىقىرىش مىقدارى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئاشقان بولۇپ، ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى % 30 تىن يۇقىرى بولغان.

  تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، 2009-يىلى تۇرپاندىكى 1108 كارىزدىن پەقەت 278 كارىزدىلا سۇ قالغان، شۇنداقلا زىچلىق دەرىجىسى يۇقىرى، زىيانغا ئۇچراش تۈرى كۆپ ، يوقىلىش سۈرئىتى سىجىل ئىشىۋاتقان ھالەتتە ئىدى. دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقى تارمىقىنىڭ قوللىشى بىلەن2009- يىلى دېكابىردىن باشلاپ تۇرپان رايونىدا كارىزنى قوغداش ۋە پايدىلىنىش قۇرۇلۇشى رەسمىي باشلىنىپ، كارىز تەكتىنى راۋانلاشتۇرۇش، لاي-لاتقىلارنى تازىلاش، مۇستەھكەملەش، قۇدۇق قاپقىقى ئورنىتىش قاتارلىق قوغداش خىزمىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى.

  تۇرپان شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2009- يىلدىن ھازىرغىچە كارىزنى رېمونت قىلىش، پۇختىلاش مەخسۇس خىراجىتىدىن 48مىليون يۈەن ئەمەلىيلەشكەن،1-قېتىملىقتىن 4- قېتىملىىق قۇرلۇشقىچە 108 كارىز پۇختىلاپ رېمونت قىلىنغان. دەسلەپكى سىتاتىستىكىغا قارىغاندا، پۇختىلاپ رېمونت قىلىنغان كارىزلارنىڭ سۇ چىقىرىش مىقدارى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئاشقان بولۇپ، ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى % 30 تىن ئاشقان. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر