باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋاڭ ياڭ: نامراتلارنى توغرا يۆلەش ئاساسىي فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك

2015.07.27 16:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىنقى مەزگىلدە، ئېلىمىزنىڭ شەرقىي شىمال، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلىرىدا داۋاملىق قاتتىق ئىسسىق بولۇپ، يامغۇر ئاز ياغدى، قۇرغاقچىلىق بارغانسېرى ئېغىرلاشتى، جەنۇبتىكى قىسمەن جايلاردا كەلكۈن كەلدى. گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، دۆلەتلىك كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى ۋاڭ ياڭ ئۈلۈشكۈن دۆلەتلىك كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مەخسۇس يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ۋىدىيودا شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكە ۋە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى بىلەن ئالاقىلىشىپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتى ھەققىدىكى مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ سەپەرۋەر قىلىپ ۋە ھەرىكەتلەندۈرۈپ، تەدبىرلەرنى چىڭىتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش كېرەك. ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قۇرغاقچىلىق بولغان جايلار قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتنى ئازايتىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئادەملەرنىڭ ئىچىملىك سۇ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈشى؛ سۇ مەنبەلىرىنى كۆپ خىل يوللار بىلەن كېڭەيتىپ، سۇ بايلىقىنى ئىلمىي تەڭشەپ ۋە پايدىلىنىپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش مۇلازىمىتى ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا سۇ ئىشلىتىشكە تېرىشىپ كاپالەتلىك قىلىپ، قۇرغاقچىلىقنىڭ زىيىنىنى ئەڭ زور چەكتە ئازايتىشى لازىم. ئاپەت بولغان جايلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مەركەز مالىيەسى ئالاھىدە ئېغىر قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش راسخوتى ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغىنىڭ بىر قىسمىنى ئاجرىتىپ، قۇرغاقچىلىق ئېغىر بولغان جايلارنىڭ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى قوللايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر