باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جاڭ چۈنشيەن خو چىڭخۇا بىلەن كۆرۈشتى

2015.07.27 15:54         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 23 - ئىيۇل كەچتە جۇڭگو «چىڭخۇا» ئېنېرگىيە گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى خو چىڭخۇا ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  جۇڭگو «چىڭخۇا» گۇرۇھى 2009 - يىلى شىنجاڭغا كىرىپ، شىنجاڭ «چىڭخۇا» ئېنېرگىيە گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنى قۇرغان. مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ «چىڭخۇا» ئېنېرگىيە گۇرۇھى ھالقىما تەرەققىيات مەزگىلىگە قەدەم قويدى، مەملىكەت بويىچە تۇنجى كۆمۈرنى تۈجۈپىلەپ پىششىقلاش ئۈلگە تۈرى −− شىنجاڭ «چىڭخۇا» كۆمۈردىن گاز ئېلىش تۈرىنىڭ 1 - قارارلىق قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ، ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلدى. ھازىر شىنجاڭ «چىڭخۇا» كۆمۈردىن گاز ئېلىش تۈرىنىڭ ئايلىق مەھسۇلات مىقدارى 100 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىپ، كۆلىمى مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: «چىڭخۇا» گۇرۇھى شىنجاڭغا كىرگەن بىر قانچە يىلدىن بۇيان سېلىنما سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى ئۈنۈمدە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەۋزەل بايلىقلارنى ئايلاندۇرۇش ئىستىراتېگىيەسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ياخشى باشلامچى بولدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: «چىڭخۇا» گۇرۇھى خەلقئارا ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىغا پائال تاقابىل تۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى كارخانىنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ قوللاپ، كارخانا بىلەن بىرلىكتە خەلقئارا ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرىدۇ. مۇناسىۋەتلىك تارماقلار كارخانا بىلەن بىرلىكتە تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ، پۇل مۇئامىلە، كىرېدىت، سېتىش قاتارلىق جەھەتلەردە چارە ئويلاپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى كېرەك. «چىڭخۇا» گۇرۇھىنىڭ ئۈزلۈكسىز پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەپ، كۆمۈر ئېنېرگىيەسىنى تەبىئىي گاز ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇش تۈرى 2 - قارارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، بالدۇرراق ئۈنۈم يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  خو چىڭخۇا مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى كارخانىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلدى ۋە ئۇنى قوللىدى، جۈملىدىن «چىڭخۇا» گۇرۇھىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭغا مەبلەغ سالغان كارخانىلارغا ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىپ بەردى. گۇرۇھىمىز شىنجاڭغا كىرگەن ئالتە يىلدىن بۇيان ئۇچقاندەك تەرەققىياتقا ئېرىشتى، ھازىر كۆمۈردىن گاز ئېلىش تۈرىنىڭ 2 - قارارلىق قۇرۇلۇشى باشلاندى. گۇرۇھىمىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، 2 - قارارلىق قۇرۇلۇشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىدۇ.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، بەي جىجيې، غانىبات سابۇكەي، ليۇ جيەنشىن قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى. (مۇخبىر جاڭ لېي خەۋىرى)


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر