باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

«ئاپتونوم رايوننىڭ تەنتەربىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، تەنتەربىيە ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى ۋە قاراپ چىقىلدى

2015.07.27 15:33         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 24 - ئىيۇل چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 25 - قېتىملىق دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا، «ئاپتونوم رايوننىڭ تەنتەربىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، تەنتەربىيە ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»، «ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش يىرىك پىلانى (2012 - يىلىدىن 2020 - يىلىغىچە)»، «ئاپتونوم رايوننىڭ تاسادىپىي ۋەقە ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش، باشقۇرۇش چارىسى» ۋە «ئاپتونوم رايوننىڭ ئوقۇلبۇس بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش چارىسى» مۇھاكىمە قىلىندى ۋە قاراپ چىقىلدى.

  يىغىندا مۇنداق دېيىلدى: تەنتەربىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، يېڭى ئىقتىسادىي ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىشتۈرۈشنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى، ئاپتونوم رايوننىڭ يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ تەن ساپاسى ۋە ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: تەنتەربىيە كەسپىنى يېشىل كەسىپ، يېڭى كەسىپ سۈپىتىدە نۇقتىلىق يېتىشتۈرۈپ ۋە يۆلەپ، تەنتەربىيە كەسپىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدە كۈچەپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئىجتىمائىي كاپىتالنى تەنتەربىيە كەسپىگە مەبلەغ سېلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، كۆپ مەنبەلىك تەنتەربىيە كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئەۋزەللىكلەرنى جارى قىلدۇرۇپ، ئالاھىدىلىكلەرنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ۋە ماھارەت كۆرسىتىش بازىرىنى نۇقتىلىق ئېچىش، ئالاھىدە ئاممىۋىي تەنتەربىيە ماركىلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، چېنىقىش ئىستىراھەت كەسپى ۋە تەنتەربىيە بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ تەنتەربىيە، ئات بەيگىسى كەسپى ۋە قار - مۇز، ئاۋىياتسىيە تەنھەرىكىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى: 2025 - يىلغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا تۈرلۈك ئىقتىسادىي تەركىبلەر بەس - بەستە قاتنىشىدىغان، ئالاھىدىلىكى روشەن، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بولغان، قېلىپلاشقان، تەرتىپلىك تەنتەربىيە كەسىپ سىستېمىسىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى كۈچەپ راۋاجلاندۇرۇپ، بەدەن چېنىقتۇرىدىغانلارنى كۆرۈنەرلىك كۆپەيتىپ، تەنتەربىيە كەسپىي بۇيۇملىرى ۋە تۈرلىرىنى بىرقەدەر مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەنتەربىيەنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئىستېمال بازىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈپ، تەنتەربىيە كەسپىنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭى ئىقتىسادىي ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق دېيىلدى: ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى دۆلەتنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە ئاممىۋى تازىلىق بىخەتەرلىكىگە، جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ جەمئىيەت باشقۇرۇش ۋە جامائەت مۇلازىمىتىدىكى مۇھىم مەسئۇلىيىتى. «ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش يىرىك پىلانى(2012 - يىلىدىن 2020 - يىلىغىچە)»نىڭ تۈزۈلۈشى ۋە يولغا قويۇلۇشى ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ساغلاملىقىنى ھەقىقىي قوغداشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: تاسادىپىي ۋەقە ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش تاسادىپىي ۋەقەنىڭ ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئاساسى. ئاممىغا ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا، توغرا، ئوبيېكتىپ، ئومۇميۈزلۈك ئېلان قىلىش ھۆكۈمەتنىڭ جامائەت مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم بەلگىسى. يىغىندا مۇنۇلار مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى: تاسادىپىي ۋەقە ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىشتا، ھۆكۈمەت باشلامچىلىق قىلىش، يەرلىك باشقۇرۇش، دەرىجىگە، تۈرگە ئايرىش، سىرتقا بىرتۇتاش ئېلان قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ھەر دەرىجىلىك ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە بىرتۇتاش ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرى ئېلان قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، تۈرلۈك ئۇچۇر ئېلان قىلىش يوللىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، راۋان، ئۈنۈملۈك ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرى ئېلان قىلىش ۋە تارقىتىش يوللىرىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى. (شىنجىڭ خەۋىرى)


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر