باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ 11 ئىشتاتىدا سالمونېللا باكتېرىيىسى بىلەن يوقۇملىنىش كېسىلى كۆرۈلدى

2015.07.27 16:04         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئاخبارت تورى، 24-ئىيۇل تېلېگراممىسى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 23-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى (CDC) نىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىندا ئامېرىكىنىڭ 11 ئىشتاتىدا سالمونېللا باكتېرىيەسى بىلەن يوقۇملۇنۇش ئەھۋالى كۆرۈلگەن بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 62 ئادەم ئېغىر دەرىجىدە يوقۇملانغان. بۇنىڭ ئىچىدە كالىفورنىيەدىكى يوقۇملۇنۇش ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر بولۇپ، يوقۇملانغانلار سانى 34 كە يەتكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ خىل كېسەللىكنىڭ كېلىپ چىقىشى كىشىلەرنىڭ سالمونېللا باكتېرىيەسى بىلەن يوقۇملانغان تۇننۇس بېلىقى سۇشىسىنى ئىستېمال قىلغانلىقىدىن كېلىپ چىققان. بۇ بېلىقلار ھىندونېزىيەدىن كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە شىركەت مەسىلە كۆرۈلگەن تۇننۇس بېلىقى مەھسۇلاتلىرىنى يىغىۋالغان.

  خەۋەر قىلىنىشىچە، ئامېرىكىدا يىلىغا 1 مىليون 200 مىڭ ئادەم سالمونېللا باكتېرىيەسى بىلەن يوقۇملىنىپ، 450 كە يېقىن ئادەم جېنىدىن ئايرىلىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر