باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قەلبى گۈزەل شىنجاڭلىقلار- قاراشەھەر ناھىيىسى دەنزىل بازىرىنىڭ مازار كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق دېھقان ئايال بۇرغاي

2015.02.15 14:07         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قاراشەھەر ناھىيىسى دەنزىل بازىرىنىڭ مازار كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق دېھقان ئايال بۇرغاي 10 نەچچە يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، تېنى ئاجىز، كېسەلچان قېيىنئانىسىنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىپ، ئۇرۇق- تۇغقان ۋە قوشنىلىرىنىڭ بىردەك ماختىشىغا سازاۋەر بولدى.

  بۇرغاينىڭ قېيىنئانىسى 2004-يىلى مېڭە قان تومۇرى توسۇلۇش سەۋەپلىك پارالىچ بولۇپ قالغانلىقتىن، ئۇنىڭ بارلىق ئىشلىرىدىن بۇرغاي ۋە ئۇنىڭ ئېرى لى جې خەۋەر ئالىدىغان بولدى. بۇرغاي ياشىنىپ قالغان قېيىنئانىسىنىڭ بەدەنلىرىنى كۈندە يۇيۇپ، ئۇۋىلاپ، ھەر خىل شەكىلدىكى داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللاندى. دورا ئىچۈرۈش، كېسىلىنى كۆرسىتىش دىگەندەك بارلىق ئۇششاق- چۈششەك ئىشلار بۇرغاينىڭ زىممىسىگە چۈشتى. ئۇنىڭ كۆڭۈل قويۇپ كۈتۈشى نەتىجىسىدە قېيىنئانىسى ئۇرۇبجى ئورنىدىن تۇرۇپ سەل- پەل ماڭالايدىغان بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: كارۋاتتا ئورۇن تۇتۇپ يېتىۋاتقىنىمغا 10نەچچە يىل بولغانىدى. كىلىنىم ماڭا ئىزچىل قاراپ كەلدى ھەمدە مىنىڭ كىيىم- كېچەكلىرىمنى يۇيۇپ ۋە ماڭا تاماق ئىتىپ بىرىپ، مىنى ئىنتايىن رازى قىلدى. كىلىنىمنىڭ كۆڭۈل قويۇپ غەمخورلۇق قىلىشى بىلەن مانا ھازىر ماڭالايدىغان بولدۇم. ئىلگىرى ھاجەتخانىغا بارساممۇ قىينىلاتتىم، ھازىر ئۆزەمنىڭ ھاجىتىدىن چىقالايدىغان بولدۇم. مىنىڭ كىلىنىم بەك ئوبدان، ئۇنىڭ كۆڭۈل قويۇپ قارىشى بىلەن ھازىرغىچە ياشاپ كەلدىم.

  بۇرغاينىڭ 20 مو يېرى، 20 تۇياق قويى بار بولۇپ، بىر ئائىلە يەر تېرىش ۋە قوي بېقىش بىلەن تۇرمۇشنى قامداپ كەلگەنىدى. گەرچە ئۇنىڭ تۇرمۇشى ئانچە باياشات بولمىسىمۇ، ئەمما، ئەر- ئايال ئىككەيلەن بۇنىڭدىن بەك ۋايسىنىپ كەتمەي، ياشانغان موماينىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى بىر كۈنمۇ توختىتىپ قويمىدى. بۇرغاي مۇنداق دېدى: مەن ئۆي تۇتقىلى 14 يىل بولدى. مۇشۇ 14يىلدىن بېرى مەن ۋە ئېرىم ئېغىر كېسەل بولۇپ قالغان قېيىنئانامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ كەلدۇق، بۇ بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز، بىز ئاتا-ئانىمىزغا ۋاپادار بولۇشىمىز كېرەك، بۇنىڭدىن كىيىن بىزمۇ پەرزەنتلىرىمىزگە ئاتا-ئانىغا ۋاپادار بولۇشنى ئۆگىتىمىز، ياشانغانلارغا ۋاپادار بولۇش ۋە كۆيۈنۈش-- بىز جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئىسىل پەزىلىتى.

  بۇرغاينىڭ ئوغلى بۇيىن ئاتا- ئانىسىنىڭ ھەر بىر سۆزى ۋە ھەرىكىتىدىن تەسىرلەندى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاپام ھەر كۈنى قاق سەھەردە تۇرۇپ ئۆينىڭ ئىشلىرىنى قىلىدۇ، بەزى چاغدا ئاغرىپ قالسىمۇ ئارام ئالمايدۇ. ئاپام ئائىلىمىزدىكى ئەڭ جاپاكەش ئايال، شۇڭا ئادەتتە تەتىل قويۇپ بەرگەندە، مەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاتا-ئانامنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ كەلدىم. ئاتا-ئانام مومامغا شۇنداق كۆيۈنىدۇ. مەن بۇنىڭدىن قاتتىق تەسىرلەندىم. چوڭ بولغاندا مەنمۇ ئاتا-ئاتامغا ۋە بوۋام- مومامغا كۆيۈنۈپ ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر