باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چىرىلىككە قارشى تۇرۇش چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش ئىشەنچىسىنى كۈچەيتتى

2015.02.15 09:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئامېرىكا سودا جەمئىيىتى يېقىندا ئېلان قىلغان «2015-يىللىق سودا مۇھىتىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى»دىن ئايان بولۇشىچە، چىرىكلىك- جۇڭگودىكى تەكشۈرۈلمەيدىغان ئامېرىكا كارخانىلىرى ئەڭ ئەندىشە قىلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەن.

  جۇڭگودىكى ئامېرىكا كارخانىلىرى رەتكە تىزىلغان سودا رىقابىتى رەت تەرتىپىدە، چىرىكلىك 2013-يىلىدىكى 4 ئورۇندىن 2014-يىلىدىكى 6-ئورۇنغا، 2015-يىلى بولسا 13-ئورۇنغا چۈشكەن.

  جۇڭگو ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقات يۇرتى دۇنيا ئىقتىساد تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى چېن فېڭيىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: قانۇن تۈزۈم ئۈنۈملۈك بولغان بازاردىلا، ئاندىن ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان، يىراق كۆزلەنگەن بولغان بازار بولىدۇ؛ قانۇنغا سەمىمىي ئەمەل قىلىپ، تىجارەتنى قېلىپلاشتۇرغان كارخانىلارلا، ئاندىن جۇڭگودا ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنىڭ ياخشى كېلەچىكىنى كۈتۈۋالالايدۇ.

  بىلومبورگ ئاگېنتلىقى 2014-يىلى 17 ئىقتىسادشۇناس ئۈستىدە بىر تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى، ئايان بولۇشىچە، جۇڭگونىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشى 2020-يىلى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى 0.1 پوئىنتىدىن 0.5 پوئىنتقىچە ئۆستۈرىدىكەن. پارىخورلۇقنىڭ سودىغا كاشىلا قىلىشىنىڭ ئۈزلۈكسىز پەسىيىشىگە ئەگىشىپ، 70 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى پايدا بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر