باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن تېلېفونلاشتى

2015.02.12 16:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئوباما شى جىنپىڭنى بۇ يىل 9-ئايدا ب د ت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش بىلەن بىللە ئامېرىكىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشقا تەكلىپ قىلدى، شى جىنپىڭ تەكلىپنى قوبۇل قىلدى

  [شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11-فېۋرال تېلېگراممىسى] دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-فېۋرال كېلىشىمگە ئاساسەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن تېلېفونلاشتى. ئىككى رەھبەر بىر-بىرىگە باھار بايرىمىلىق تېلەكلىرىنى ئىپادىلەپ، يېڭى يىلدا جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-ئامېرىكا يېڭىچە چوڭ دۆلەت مۇناسىۋىتى قۇرۇلۇشىدا زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا قوشۇلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا بىز كۆپ قېتىم چوڭقۇر پاراڭلىشىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى تەرەققىياتى، شۇنداقلا خەلقئارا ۋە رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. زۇڭتۇڭ ئوباما بىلەن ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە سۆھبەتنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇشنى ئارزۇ قىلىمەن. بۇ يىلقى جۇڭگو-ئامېرىكا ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد سۆھبىتى، ئىجتىمائىي ئالاقە باشلىقلار كېڭىشى ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، يەنىمۇ كۆپ ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە كۈچ چىقىرىشىنى ئارزۇ قىلىمەن. ئىككى تەرەپ سودا-ئىقتىساد، ھەربىي ئىشلار، ئېنېرگىيە، مۇھىت، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، قانۇن ئىجرا قىلىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي ئالاقىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىنى چىڭدىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ئىككى تەرەپ مەبلەغ سېلش كېلىشىمى سۆھبىتىنى تېزلىتىپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىدىكى يېڭى يارقىن نۇقتىلارنى يارىتىشى كېرەك، ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى جۇڭگوغا ئېكىسپورت قىلىشقا قويۇلغان چەكنى بوشاشتۇرۇش، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئامېرىكىغا بېرىپ مەبلەغ سېلىشىغا قولايلىق يارىتىش قەھەتلەردە ئىجابىي ھەرىكەت قوللىنىشىنى ئارزۇ قىلىمەن. ئىككى تەرەپ كىلىمات ئۆزگۈرۈشى، دۇنيا تەرەققىيات مۇساپىسى، دۇنيا سەھىيە بىخەتەرلىكى قاتارلىق مۇھىم تېمىلاردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم ئىشلىرىغا ھۆرمەت قىلىپ ۋە غەمغورلۇق قىلىشى كېرەك، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ تەيۋەت، شىزاڭ قاتارلىق مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ زۆرۈر بولمىغان توسالغۇلارغا ئۇچرىماسلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى ئارزۇ قىلىمەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر