- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى ئېلىمىزنىڭ زامانىۋىي يېزا ئىگىلىكىدە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئۇقتۇردى
2015.02.12 13:41 مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى
يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى 11-فېۋرال ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئېلىمىزنىڭ زامانىۋىي يېزا ئىگىلىكىدە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئۇقتۇردى. يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى تەرەققىيات- پىلان مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى يې جېنچىن مۇنداق دېدى: يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە ھەممە ئادەم كۆڭۈل بۆلىدۇ. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، بولۇپمۇ ئىستېمال قىلىنىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەرزان ھەم بىخەتەر بولۇشى- ھەر بىر ئىستېمالچى ۋە ئىشلەپچىقارغۇچىغا مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدە، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ پوزىتسىيەسى ئىنتايىن قەتئىي بولۇپ، قىلچىمۇ يۈز- خاتىرە قىلمايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت
ئالاقىدار خەۋەرلەر