چاغان يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھە، ھەر كەسپ كىشىلىرى ھال سوراش، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش نىشانىنى تازىلىق ئىشچىلىرىغا قاراتتى. بەزى ئورۇنلار تازىلىق ئىشچىلىرىنى بىر ۋاق ئىسسىق غىزا بىلەن تەمىنلىسە، بەزى ئورۇنلار ھال سوراش ئويۇنى قويۇپ، ئۇلارغا بايراملىق شاتلىق ئاتا قىلدى.
ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى ئىتتىپاق يولى كوچا باشقارمىسى خان ساراي ئاھالىلەر كومىتېتى تۈنۈگۈن ئۆز تەۋەلىكىدىكى تىجارەتچىلەرنىڭ تەلىپى بويىچە، بۇ تەۋەلىكتىكى تازىلىق ئىشچىلىرىنى يىغىپ، ئۇلارغا تىجارەتچىلەرنىڭ چاغانلىق ھال سوراش بۇيۇملىرىنى تارقىتىپ بەردى. كۆپچىلىك ئۆزلىرىنىڭ جاپالىق خىزمىتىنىڭ جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەنلىكىدىن، ئۆزلىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىدىن ناھايىتى ھاياجانلاندى ۋە تولۇق تاشقان غەيرەتكە تولدى.