باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چەت ئەلگە ساياھەتكە چىقىش، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشتىن، تېلېفون ھەققى، قاتناش كىراسىنى ئاتچوت قىلىشقىچە، پەن-تېخنىكا سېلىنمىسى ھەر خىل ناملار بىلەن شەخسنىڭ چۆنتىكىگە كىردى، پەن-تەتقىقات راسخوتى «مەنپەئەت»كە ئايلىنىپ قالمىسۇن

2015.02.12 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى چۇ جيەن خىيانەتچىلىك، جامائەت پۇلىنى ئىشلىتىش، پارىخورلۇق، ۋەزىپىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش، مەبلەغنى ئىشلىتىۋېلىش، بوغالتىرلىق دوكۇمېنتىنى قەستەن يوقىتىۋېتىش، بوغالتىرلىق ھېساب دەپتىرى جىنايەتلىرىگە چېتىلغانلىقى ئۈچۈن جېجياڭ ئۆلكىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئەرز قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

  چۇ جيەن ۋە جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى لى نىڭ، نەنچاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى جۇ ۋېنبىن قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئارقا-ئارقىدىن قولغا چۈشىشى كىشىلەرنىڭ پەن-تەتقىقات چىرىكلىكىگە بولغان دىققىتىنى قوزغىدى. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 11-فېۋرال پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى ۋەزىپىسىدىن پايدىلىنىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشنى تەكشۈرۈشكە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، پەن-تېخنىكا راسخوتىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقىنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشتىكى مۇھىم سەۋەب ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  پەن-تېخنىكا سېلىنمىسى زور دەرىجىدە ئاشتى، پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى چىرىكلىكنىڭ ئېغىرلىشىش ئالامىتى كۆرۈلدى

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جەن فۇلياڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغاندا مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك تەپتىش ئورگانلىرى 2012-يىلى 12-ئايدىن 2014-يىلى 12-ئايغىچە پەن-تېخنىكا پائالىيىتىدە خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق جىنايىتى ئۆتكۈزگەن 67 كىشىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى، بۇنىڭ ئىچىدە ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى 25 كىشى، پروفېسسور، تەتقىقاتچى قاتارلىق ئالىي ئۇنۋانغا ئىگە 11 كىشى، بىر ئاكادېمىك بار. جىنايەت ئۆتكۈزۈش تۈرىدىن قارىغاندا، 52 كىشى خىيانەتچىلىك جىنايىتىگە چېتىلىپ ٪77.6نى ئىگىلىگەن، 12 كىشى پارىخورلۇق جىنايىتى، بەش كىشى جامائەت پۇلىنى ئىشلىتىۋېلىش جىنايىتىگە چېتىلغان. دېلوغا چېتىشلىق سوممىدىن قارىغاندا، 10 مىليون يۈەندىن يۇقىرى خىيانەت قىلغانلاردىن ئۈچى، 1 مىليون يۈەندىن 10 مىليون يۈەنگىچە خىيانەت قىلغانلاردىن 20سى، 500 مىڭ يۈەندىن 1 مىليون يۈەنگىچە خىيانەت قىلغانلاردىن ئۈچى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن خىيانەت قىلغانلاردىن 41ى بار.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «دۆلەتنى پەن-مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش» ئىستراتېگىيەسىنىڭ چوڭقۇر يولغا قويۇلۇشى، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئۈزلۈكسىز تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئېلىمىزنىڭ پەن-تېخنىكا راسخوتىغا سالغان سېلىنمىسى زور دەرىجىدە ئاشتى. پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دۆلەت مالىيەسىنىڭ 2013-يىللىق پەن-تېخنىكىغا ئاجراتقان چىقىمى 618 مىليارد 490 مىليون يۈەن بولۇپ، 2012-يىلدىكىدىن ٪10.4 ئاشقان.

  لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە، پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى چىرىكلىك مەسىلىسىمۇ كۈنسېرى ئېغىرلاشتى. «يەپ-ئىچىش، يىتىپ-قوپۇشنىڭ ھەممىسىدە پەن تەتقىقات راسخوتى ئىشلىتىلدى»، پەن-تەتقىقات راسخوتى شەخسنىڭ بېيىشىغا ئىشلىتىلىپ، چەت ئەلگە ساياھەتكە چىقىش، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشتىن، تېلېفون ھەققى، قاتناش كىراسىنى ئاتچوت قىلىشقىچە، پەن-تەتقىقات راسخوتى ھەر خىل ئۇسۇل، ناملار بىلەن شەخسنىڭ چۆنتىكىگە كىردى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر