باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە ساقچى تەرەپ چېگرىدا «ئىسلام دۆلىتى»گە ئەزا بولۇش غەرىزى بار 14 ئادەمنى تۇتتى

2015.02.12 13:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيەنىڭ باش ئوفىتسېر ىشتابى 11-چېسلا ھۆكۈمەت تورىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ساقچى تەرەپنىڭ يېقىندا تۈركىيە ئارقىلىق سۈرىيەگە ئۆتۈپ «ئىسلام دۆلىتى»ئەسەبىي تەشكىلاتىغا كىرىش غەرىزىدە بولغان 14 كىشىنى تۇتقانلىقىنى بىلدۈردى.

  باياناتتا دېيىلىشىچە، بۇ 14 ئادەم 9-فېۋرال تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي چېگرىسىدىكى گازىنەتەپ ئۆلكىسى ئاۋۇز رايونىدا تۇتۇلغان بولۇپ، تۇتقۇنلارنىڭ 13 نەپىرى چەتئەللىك، بىر نەپىرى تۈركىيەلىك ئىكەن، 13 نەپەر چەتئەللىك چېگرىدىن قوغلاپ چىقرىلىدىكەن.

  7-فېۋرال، تۈركىيە باش ئوفىتسېر شتابىدىكىلەر بىر نەپەر «ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسىغا ئوخشىشىدىغان بىرەيلەن تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبى چېگرىسى ساڭلۇرفادا قورالسىزلاندۇرۇلۇپ تەسلىم بولغان. 5-فېۋرال، تۈركىيەنىڭ باش ئوفىتسېر شتابى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆتكەن بىر ھەپتىدە گازىناتەپ ئۆلكىسىدە 5 نەپەر «ئىسلام دۆلىتى»گۇماندارىنى قولغا چۈشۈرگەن.

  يېقىندا، چەتئەللىك ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنىڭ «ئىسلام دۆلىتى»گە كىرىشتىكى مۇھىم تۈگۈنى بولغان تۈركىيە چېگرا مۇداپىئە باشقۇرۇشنى كۈچەيتكەن بولۇپ، تۈركىيە زۇڭلىسى داۋۇد ئوغلى ئالدىنقى ئايدا زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، «ئىسلام دۆلىتى»گە كىرىش غەرىزىدە بولغان تۈركىيە چېگرىسىدىكى پائالىيەتلەرنى چەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر