خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ11-ېۋرال ، بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-فېۋرال، خۇبېي ئۆلكىسى ۋۇخەن،خەنكۇ قۇرۇلۇش يولىنىڭ بىلەن خۇاڭشياۋخې كوچىسى بۆلىكى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن يەرنىڭ كۆلىمى 300 كۋادرات مېتىرغا يەتتى. ۋۇخەن شەھەرلىك جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرى:10-فېۋرال چۈشتىن كېيىن سائەت 17دە، رېلىسلىق قاتناش 3-لىنىيە خۇيجي ئىككىنچى يولىدىن شياڭگاڭ يولى بېكىتىگىچە بولغان ئارىلىقتا قۇرۇلۇش قىلىۋاتقاندا سۇ،قۇم ئېتىلىپ چىقىپ ،قۇرۇلۇش يولىنىڭ بىلەن خۇاڭشياۋخې كوچىسى بۆلىكىدە يەر يۈزى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن. ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن كۆلەم نەچچە يۈز كۋادرات مېتىرغا يەتكەن. ئۆلۈش يارىلىنىش كۆرۈلمىگەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى