خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ13-فېۋرال ، بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-فېۋرال، دۆلەت ئاۋىئاتسىيە شىركىتى چېڭدۇ - سرى لانكا ئارىسىدا بېرىپ-كېلىش ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسىنى يولغا قويدى. شىنجاڭلىق ساياھەتچىلەر ئۈرۈمچىدىن چېڭدۇغا بىرىپ ئايروپىلان ئالمىشىپ سرى لانكاغا بىرىپ ساياھەت قىلالايدىغان بولدى. تۇنجى ساياھەت ئۆمىكى ھازىرچە توشۇپ كەتتى.
ھازىر، جۇڭگو ياشلار ساياھەت كوپىراتىپى شىنجاڭ خەلقئارالىق ساياھەت كوپىراتىپى، بىڭتۇەن ياشلار ساياھەت كوپىراتىپى قاتارلىق ساياھەت كوپىراتىپىلىرى ئۇچۇش لىنىيىسىگە ئاساسەن بازار باھاسى 7000يۈەنلىك ساياھەت لىنىيىسىنى يولغا قويدى. تۇنجى ئۆمەكتىكى 20 ساياھەتچى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى يولغان چىقىدۇ.
ئىگىلىنىشچە، دۆلەت ئاۋىئاتسىيەسى ئۈرۈمچى_ چېڭدۇ لىنىيىسىدە ھەركۈنى ئۈچ قېتىم قاتنايدىكەن. چېڭدۇدىن سرى لانكاغا ھەر ھەپتىنىڭ 2،4،6،7دا تۆت قېتىم بېرىپ-كېلىدىكەن. A330 تىپلىك يولۇچىلار ئايروپىلانى قاتنايدىكەن، تاق لىنىيەنىڭ ئۇچۇش ۋاقتى بەش يېرىم سائەت ئەتراپىدا بولىدىكەن. بۇ دۆلەت ئاۋىئاتسىيە يولغا قويغان بومباي،كاراچى،كاتماندۇدىن كېيىنكى تۆتىنچى چېڭدۇدىن جەنۇبىي ئاسىياغا ئۇدۇل ئۇچىدىغان خەلقئارالىق ھاۋا يولى ھېسابلىنىدىكەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى