سۈرەتتە:خىزمەتچى خادىملار دېزىنفېكسىيە ئۆيىدە مەشغۇلات قىلماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ10-فېۋرال ، بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چاغانلىق يولۇچى توشۇش بېسىق بولۇش ھالىتىگە كىرىشى بىلەن يولۇچىلارنىڭ قاچىلىق تاماققا بولغان ئېھتىياجىمۇ ھەسسىلەپ ئاشتى. مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ رايونىدىكى دىنامىكىلىق پويىز ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزلارنى يېمەك-ئىچمەك بىلەن تەمىنلەش بازىسى_ بېيجىڭ تۆمۈر يول پويىز مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، ھەر بىر نۆۋەتلىك دىنامىكىلىق پويىز، تېز پويىزغا سەپلەنگە يېمەكلىكلەر ئىچىدە، 15يۈەنلىك قاچىلىق تاماقنىڭ بازىرى ئەڭ تېز بولغان. باشقا يۇقىرى باھالىق قاچىلىق تاماقنىمۇ 15يۈەن بىلەن سېتىپ ئېھتىياجنى قامدىغان. غەيرىي ماددىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھەر بىر قۇتا تاماق X نۇرىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ تەكشۈرۈلدىكەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى