باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

روسىيە، ئوكرائىنا، فرانسىيە، گېرمانىيەنىڭ رەھبەرلىرى مىنسكتا «نورماندى ئەندىزىسى» تۆت تەرەپ سۆھبىتى ئۆتكۈزدى

2015.02.12 16:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەر قايسى تەرەپلەر ئوكرائىنا كىرىزىسىنىڭ «تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىنىشى»نى ئۈمىد قىلدى

  روسىيە، ئوكرائىنا، فرانسىيە، گېرمانىيە تۆت دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى 11-فېۋرال بېلورۇسىيەنىڭ پايتەختى مىنسكتا «نورماندى ئەندىزىسى» تۆت تەرەپ سۆھبىتى ئۆتكۈزدى. سۆھبەت ئوكرائىنا كىرىزىسىنىڭ كەلگۈسى يۆنىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، كۆپچىلىك بۇنىڭغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، خەلقئارا جەمئىيەت ئوكرائىنا مەسىلىنىڭ «تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىنىشى»نى بىردەك ئۈمىد قىلدى. «بۈگۈنكى رۇسىيە» ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تۆت دۆلەت رەھبەرلىرى ئېغىر تىپتىكى قوراللارنى چېكىندۈرۈش، ھەربىي ئىشلاردىن خالىي رايون تەسىس قىلىش، توقۇنۇش قىلىۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك سۆھبەتلىشىش مېخانىزمى ئورنىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرىلىشىدىكەن. خەۋەر ئېلان قىلىنغۇچە تۆت دۆلەت رەھبەرلىرى سۆھبىتىنىڭ كونكېرت مەزمۇنى ئاشكارىلانمىدى، موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوكرائىنا ۋە بىلورۇسىيەدىكى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى بېئازى پارىكو مۇنداق دېدى: بۇ سۆھبەتنىڭ ئىنتايىن قىيىنلىقىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنداقلا بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ ئالاقىدار ھەر قايسى تەرەپلەرگە قانچىلىك مۇھىملىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

  ئوكرائىنا مەسىلىسىدىكى ئۈچ تەرەپ ئالاقىلىشىش گۇرۇپپىسى (ئوكرائىنا، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى، رۇسىيە) 10-فېۋرال مىنسكتا يېپىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر ئوكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدا توقۇنۇش قىلىۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ ئېغىر تىپتىكى قوراللارنى چېكىندۈرۈش، ئۇرۇشنى توختىتىش مېخانىزمى ۋە ئۇرۇشنى توختىتىشنى نازارەت قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرىلىشىپ مۇھىم كېلىشىم ھاسىل قىلدى. بىلورۇسىيە تاراتقۇلىرى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم ئوكرائىنا مەسىلىسىدىكى ئۈچ تەرەپ ئالاقىلىشىش گۇرۇپپىسىنىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلىشى 11-فېۋرال مىنسىكتا ئۆتكۈزۈلىدىغان تۆت دۆلەت رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا پايدىلىق.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر