خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2014-يىلى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى مۇھىم ساھەلەردىكى خىزمەت تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلىش جىنايەتلىرىنى نۇقتىلىق تەكشۈرگەن بولۇپ، پارىخورلۇق قاتارلىق خىزمەت تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلىش جىنايىتىدىن 580ى پاش قىلىنغان، چېتىشلىق ئادەم سانى 628 بولغان. سۇ ئىنشائاتى، خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى قاتارلىق ئورۇنلار كوللىكتىپ پارىخورلۇق دېلوسىدىن 63ى پاش قىلىنغان بولۇپ، چېتىشلىق ئادەم سانى 65 بولغان. پارىخورلۇق قىلغان 150 كىشى تۇتۇلغان بولۇپ،12سى قېچىپ كەتكەن. بۇ دېلولارنى پاش قىلىش ئارقىلىق 123 مىليۇن 430 مىڭ يۈەن ئىقتىسادىي زىيان قايتۇرۇپ كىلىنگەن. بۇ 10-فېۋرال، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى چاقىرغان شىنجاڭ تەپتىش خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگەللىگەنلىرى.
مەنبە: خەلق تورى