باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز دائىرىسىدە يېزا ئۇنىۋېرسال مۈلۈك ھوقوقى سودا سۇپىسى سىناق تەرىققىسىدە يولغا قويدى

2015.02.12 13:37         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز دائىرىسىدە يېزا ئۇنىۋېرسال مۈلۈك ھوقوقى سودا سۇپىسى سىناق تەرىققىسىدە يولغا قويۇلۇپ، يەر ھۆددىگە ئېلىش تىجارەت ھوقوقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش چىڭ تۇتۇلۇپ، تىزىملاپ كېنىشكە تارقىتىش خىزمىتىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. نۆۋەتتە، ساۋەن ناھىيەسى يېزا مۈلۈك ھوقوقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى خىزمىتىنى باشلامچى بولۇپ يولغا قويدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېزا خىزمىتى ئىشخانىسى ئىقتىسادىي تەرەققىيات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شۈ تاۋنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز يېڭىچە يېزا ئىگىلىك سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش ئارقىلىق، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپلاش ۋە تارقاقلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدىكەن. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، سوغۇق پىتى ساقلاش ۋە توشۇش كەسىپ زەنجىرى، ماددى ئەشيا ئوبورۇتى، ئىسكىلاتتا ساقلاش ۋە يەتكۈزۈش، ئۇچۇرغا ئاساسەن سېتىۋېلىش ۋە سېتىش مۇلازىمىتى قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشكەن زامانىۋى ئوبورۇت سىستېما قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشنىڭ تېز بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر