باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى پوجاڭزا سېتىش بازىرى ئارىلاپ تەكشۈرۈلىدى

2015.02.12 13:34         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۆگۈن ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى پوجاڭزا سېتىش بازىرىنى ئارىلاپ تەكشۈردى.

  ئۈرۈمچى شەھىرى بۇلاقتاغ رايونىنىڭ جەنۇبىي يىكەنكۆلدىكى بىر پوجاڭزا سېتىش نۇقتىسىدا تەكشۈرگۈچى خادىملار رەڭلىك پولات تاختىلىق ئۆيدە نۇرغۇن توك سىملىرىنىڭ ئوچۇق يەردە تاشلىنىپ تۇرغانلىقى، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش بەلگىسى ئېنىق ئەمەسلىكى، بىخەتەرلىكتىكى يوشۇرۇن خەۋپنىڭ ناھايىتى كۆپلۈكىنى بايقىدى. تەكشۈرگۈچى خادىملار نەق مەيداندا يوشۇرۇن خەۋپنى كۆرسىتىپ بەردى. سېتىش نۇقتىسىدىكى خىزمەتچى خادىم ساۋ شىجېن دەرھال ئۆزگەرتىشكە ۋەدە بېرىپ، مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:- بۇ ۋىكليۇچاتېللارنى قايتىدىن ئورنىتىپ، روزېتكىلارنى پارتلاشتىن ساقلىنىش روزېتكىلىرىغا ئالماشتۇرۇپ، چىلەك قاتارلىق بۇيۇملارنى تەييارلاپ، چوڭ تىپتىكى بەزى ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش كۆرسەتمە ۋاراقچىلىرىنى كۆزگە كۆرۈنىدىغان ئورۇنلارغا چاپلاپ، دۇكىنىمىزدا ساقلىنىۋاتقان بەزى يوشۇرۇن خەۋپلەرنى ۋاقتىدا تۈگىتىمىز.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتى ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش بۆلۈمىنىڭ ئالىي ئىنژېنىرى لى شۇبىن ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:- بۇ قېتىم ئارىلاپ تەكشۈرۈلگەن 4 پوجاڭزا سېتىش نوقتىسىدا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئوت ئاپىتى يۈز بېرىش خەۋىپى بار. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىككى نۇقتىدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىش خەۋىپى نىسبەتەن زور بولغانلىقى ئۈچۈن تىجارەتتىن توختۇتۇپ ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇلدى. پوجاڭزا پارچە سېتىش نۇقتىسى ئوڭاي ئوت ئالىدىغان ۋە ئوڭاي پارتلايدىغان بۇيۇملار ئورنى بولۇپ، بىرىنچىدىن، نۇرغۇن ئېلېكتر سايمانلىرىدا پارتلاشتىن مۇداپىئەلىنىش ئەسلىھەلىرى قوللىنىلمىغان. ئىككىنچىدىن، نەق مەيداندا كۆرۈنەرلىك بولغان ئوت يېقىشنى چەكلەش بەلگىلىرى يوق. ئۈچىنچىدىن، باشقۇرغۇچىلار بىلەن ساتقۇچىلارنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش بىخەتەرلىك ساۋاتلىرىنى ئىگىلىشى يېتەرلىك بولمىغان. يەنە نۇرغۇن مەسىلىلەر ساقلانغان. ئەگەر بۇ مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلمىغاندا، ئوت ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر