خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ12 -فېۋرال ، بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 215يىل بۇرۇن ناپالىئون بۇناپارت مارېنگو ئۇرۇشىدا قوماندانلىق مەركىزى قىلغان قورۇق، 3مىليون 800مىڭ فوندستېرلىڭغا سېتىلىدىكەن، بۇ باھا لوندۇن ئاقسۆڭەكلەر رايونىدىكى ئىككى ياتاقلىق ئۆينىڭ باھاسى بىلەن ئوخشاش ئىكەن.
بۇ قورۇق ئىتالىيەنىڭ پىئېدمونتغا جايلاشقان بولۇپ، 18-ئەسىردە، دۇنياغا داڭلىق برونك ئۇسلۇبى قۇرۇلۇش ئۇستىسى يۇۋارا لايىھەلەپ ياسىغان.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى