باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلەرنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى ۋە ئورنىغا باشقىلارنى تەيىنلىدى

2015.02.12 16:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  [شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11-فېۋرال تېلېگراممىسى] جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلەرنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى ۋە ئورنىغا باشقىلارنى تەيىنلىدى:

  بىرىنچى، جېڭ شياڭلىننى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرۇنېي دارۇسسالام دۆلىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تەيىنلەنگەن تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىسىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛ ياڭ جيەن (ئايال)نى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرۇنېي دارۇسسالام دۆلىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تەيىنلەنگەن تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىسىلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلىدى.

  ئىككىنچى، لى جۈننى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باڭلادىش خەلق جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تەيىنلەنگەن تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىسىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛ ما مىڭچياڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باڭلادىش خەلق جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تەيىنلەنگەن تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىسىلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلىدى.

  ئۈچىنچى، گاۋ يەنپىڭ (ئايال)نى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىسرائىلىيە دۆلىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تەيىنلەنگەن تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىسىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛ جەن يۇڭشىننى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىسرائىلىيە دۆلىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تەيىنلەنگەن تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىسىلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلىدى.

  تۆتىنچى، خو يۈجېن (ئايال)نى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رۇمىنىيەدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تەيىنلەنگەن تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىسىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛ شۈ فېيخۇڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رۇمىنىيەدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تەيىنلەنگەن تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىسىلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلىدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر