- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ۋاڭ چىشەن: كۈزىتىش «شەمشىرى» بىلەن دائىم چۆچۈتۈپ تۇرۇش كېرەك
2015.02.12 16:51 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى بېيجىڭ، 11- فېۋرال تېلېگراممىسى. مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش بۆلۈمى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ج ك پ مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيورۇسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مەركەز كۈزىتىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ چىشەن 11- فېۋرال مەركەز كۈزىتىش خىزمىتىگە سەپەرۋەرلىك قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۈزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليۇرۇقىنى يەتكۈزدى. ۋاڭ چىشەن مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنى ئىدىيەۋى قورال قىلىپ، مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5- قېتىملىق يىغىنىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش، مەسىلىلەرنى مەركەزلەشتۈرۈش، نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈزىتىش «شەمشىرى» بىلەن دائىم چۆچۈتۈپ تۇرۇش كېرەك.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر