باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ۋېيتنام كومپارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

2015.02.12 16:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- فېۋرال تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزى كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋېيتنام كومپارتىيەسىىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ: جۇڭگو- ۋېيتنامنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقى ھارپىسىدا تېلېفونلاشقانلىقىمدىن تولىمۇ خوشالمەن. بۇ ئۈچىنچى قېتىم تېلېفوندا كۆرۈشۈشىمىز، مۇشۇنداق ئالاقىنى ساقلاپ قىلىش جۇڭگو- ۋېيتنام مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم راۋاجلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ، دېدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 65 يىلدىن بۇيان، دوستانە ھەمكارلىق جۇڭگو- ۋيېتنام مۇناسىۋىتىدە ئاساسىي لىنىيە قىلىندى. جۇڭگو- ۋېيتنام كومپارتىيەلىرى، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقى ئۆزئارا مەدەت بېرىپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە سوتسىيالىزىم يولىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىگە ئايلاندى. ھازىر خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدە ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، ئىككى دۆلەت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە كەسپلەرنى ئىسلاھ قىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشەنچنى كۈچەيتىشى، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈشى، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىشى، ئىختىلاپنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشى، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتى، شۇنداقلا رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىگە پايدىلىق.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: پارتىيەمىز ۋە ھۆكۈمىتىمىز جۇڭگو ۋېيتنامنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا باشتىن ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ،جۇڭگو- ۋېيتنام مۇناسىۋىتىگە ئىستىراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسىدىن نەزەر سېلىش ۋە نى ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ۋېيتنام كومپارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى بىلەن بىللە، 16 خەتلىك فاڭجېن ۋە «تۆتتە ياخشى بولۇش» روھىغا ۋارسلىق قىلىپ، جۇڭگو- ۋېيتنامنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. شى جىنپىڭ رۇەن فۇجۇڭنىڭ بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلدى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر