خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ12 -فېۋرال ، بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:2014-يىلى 10-ئايدا، شۋېتسارىيە ساقچى تەرەپ تۇرگى شەھىرىدىكى بىر شەخسىي بانكىنىڭ بىخەتەرلىك ساندۇقدىن بىر پارچە ماي بوياقنى تەكشۈرۈپ تاپقان. بۇ رەسىم داۋنچىنىڭ ئەسىرى بولۇشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن بولۇپ، يوقاپ كەتكىلى يۈز نەچچە يىل بولغان ئىكەن.
بۇ پارچە ماي بوياقنىڭ ئۇزۇنلىقى 61 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 46.5 سانتىمېتىر بولۇپ، قارا قىزىل ئارلاش رەڭلىك ئېسىل كىيىم كىيىۋالغان، بېشىغا تاج تاقىۋالغان ئايال سىزىلغان ئىكەن. ئەگەر بۇ رەسىمنى راستتىنلا داۋىنچى سىزغان بولسا، ئۇنداقتا رەسىمدىكى ئايال ئىتالىيەنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللۈنۈش دەۋرىدىكى ئايال ماركىز دىئەست بولۇپ، بۇ رەسىم تەخمىنەن مىلادى 1500-يىلى سىزىلغان.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى