باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق مىللەت- دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرلار يىغىنى ئېچىلدى

2015.02.15 14:03         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق مىللەت- دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرلار يىغىنى مۇشۇ ئاينىڭ 13- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قۇيۇلدى:- پارتىيىنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەڭ زور ئاممىۋىي خىزمەت دەپ قاراپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى قىلىپ، بىر قولدا ھىسسىيات ئالاقىسى ئېلىپ بېرىش، يەنە بىر قولدا ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋىي خىزمەت بولغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنىي ئىناقلىق تەلىپىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، پارتىيىنىڭ دىن خىزمىتىنىڭ ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «قانۇنلۇق بولۇشنى قوغداش، قانۇنسىزلىقنى توساش، ئەسەبىيلىكنى توگىتىش، دىن ئەسەبىي ئىدىيىسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قارشى تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىش» ئاساسىي پىرىنسىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. «ئاپتونوم رايوننىڭ دىن ئىشلىرى نىزامى»نى تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دىن خىزمىتىنى يېڭى بىر بالداققا يۈكسەلدۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر