باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سايرام-كەڭساي يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا تۇيۇقسىز قار كۆچكۈنى يۈز بەردى

2015.02.15 14:09         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  11-فېۋرال سائەت 21:30 دا سايرام-كەڭساي يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ غۇلجىدىن ئۈرۈمچىگە بولغان يۆنىلىشىدىكى جياڭجۈن جىلغىسى تۇنېلىنىڭ چىقىش ئېغىزىدا تۇيۇقسىز قار كۆچكۈنى يۈز بەرگەن، يىغىلىپ قالغان قارنىڭ ئېگىزلىكى 3 مېتىرغا، ئۇزۇنلۇقى 8 مېتىرغا يەتكەن، ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىنغانلىقتىن بەختكە يارىشا ئادەم ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى يۈز بەرمىگەن.

  12-فېۋرال كەڭساي تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى زاۋ يۇڭچياڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، سايرام-كەڭساي يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدىكى 6 كىلومېتىر كېلىدىغان K4176-K4182 بۆلىكى سايرام-كەڭساي يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدىكى بوران-چاپقۇن تەسىرىگە ئەڭ ئاسان ئۇچرايدىغان يول بۆلىكى ئىكەن، بۇ يول بۆلىكىدە قىشتا قار كۆچكۈنى ۋە مۇز تۇتۇش ئەھۋالى ئاسان يۈز بېرىدىكەن. بۇلتۇر سايرام-كەڭساي يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا يۈز بەرگەن 20 نەچچە قېتىملىق قار كۆچكۈنىنىڭ 80% ى مۇشۇ 6 كىلومېتىر يول بۆلىكىدە يۈز بەرگەن ئىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە قار كۆچكۈنى ئەڭ ئاسان يۈز بېرىدىغان ئورۇن غۇلجا تاشيول ئىدارىسىگە قاراشلىق G30 نومۇرلۇق تاشيولنىڭ كەڭساي يول بۆلىكى ۋە G218 نومۇرلۇق تاشيولىنىڭ كۈنەس تاغلىق رايونىدىكى يول بۆلىكى ئىكەن، ئەڭ ئاسان بوران-چاپقۇن بولىدىغان ئورۇن ئاساسلىقى مايتاس ۋە كۈنەس تاغلىق رايونىدىكى يول بۆلىكى ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر