باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كەنت ئاھالىلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېلىپ ئۆز خىزمەت ئورۇنلىرىغا قايتماقچى بولغان كادىرلارنى ئۇزۇتۇپ قويغان كۆرۈنۈش كىشىنى ھەقىقەتەن تەسىرلەندۈرىدۇ

2015.02.15 14:00         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پات يېقىندا قۇمۇل شەھىرى تەڭرىتاغ يېزىسى تۇداۋگۇ كەنتىدىكى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى ئۆز خىزمەت ئورۇنلىرىغا قايتىدۇ. بىر قانچە كۈندىن بۇيان، خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، قۇمۇل ۋىلايەتلىك پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ما جيەنجۈن ئازراق ۋاقتى چىقسىلا، كەنت بويىدىكى 80 مو يەردىكى ئۆرۈكزارلىقنى ئايلىنىپ كۆرۈپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى. دەريا جىلغىسى بويىدىكى رېشاتكا ئىچىدە، كۆچەتلەر يېرىم مېتىردىن كۆپرەك كۆتۈرۈلگەن ئىدى. ما جيەنجۈن مۇنداق دېدى:- ئۆرۈك دەرىخى بۇنىڭدىن كېيىن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىدىكى يورۇق نۇقتا بولۇپ قالىدۇ. كەنتتىكى دېھقانلار ئىلگىرى بىكار يەرلەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ ئوت- چۆپ تېرىيتتى. بىز ئۇلارغا ئۈرۈك كۆچىتى تىكىپ بەردۇق. بىر مو يەرگە 200 تۈپ ئۆرۈك كۆچىتى تىكىلدى. دېمەك، كۆچەت تىكىش زىچلىقى يۇقىرى بولۇپ، كېلەر يىلى بىر تۈپ دەرەختىن 4 كىلوگىرام ئەتراپىدا ئۆرۈك ئېلىش ئۆلچىمىگە يەتكىلى بولىدۇ. كېچىكىپ پىشىدىغان ئۆرۈكنىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ باھاسى ئادەتتە 15 يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، پۇقرالارنىڭ كىرىمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.

  تۇداۋگۇ كەنتى تەڭرىتاغ ئېتىكىگە جايلاشقان بولۇپ، تۇپرىقى ئۈنۈمسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەرمۇ ئاز. كەنت ئاھالىلىرى ئاساسلىقى چارۋىچىلىق كەسپىي بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئەمما، يايلاقلاردا چارۋا مال بېقىش مىقدارى تويۇنۇش ھالىتىگە يەتكەن بولۇپ، تەرەققىياتى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. بۇلتۇر 3- ئايدا، قۇمۇل ۋىلايىتى ئەۋەتكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى كەنتكە بېرىش بىلەنلا ئۆي- ئۆيلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلىدى. ئۇلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇل- مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى جەزمەن كۈچەيتىپ، كەسپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھىس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇمۇل شەھىرىدىكى ئاساسلىقى تارماقلارنى ماسلاشتۇرۇپ، بىر مىليون 800 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ، 11 كىلومېتىر ئاساسىي، غول ئۆستەڭنى رېمونت قىلىپ ئۆزگەرتتى. نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان 16 ئورۇننى تەشكىللەپ، ئىھاتە ئورمانلىقى، ئۆرۈك دەرىخى قاتارلىق 40 مىڭ تۈپتىن كۆپرەك كۆچەت تىكتى.

  خىزمەت گۇرۇپپىسى يېزا ئىگىلىك تېخنىك خادىملىرىنى تەكلىپ قىلىپ، «تيەنمېڭيۈەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى» قۇرۇپ، كېچىكىپ پىشىدىغان ئۆرۈك كۆچىتى ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى سىناق تەرەققىسىدە يولغا قويدى. كەنت ئاھالىسى باتۇر داموللا 28 مو يەرنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا پاي قىلىپ قاتتى. ئۆزى بولسا ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشلەپ، ئۆرۈك كۆچىتى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى:- ئىلگىرى بىر يىلدا 10 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلاتتىم. ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كىرگەندىن كېيىن دارامەت تەقسىىملەپ بېرىلگەندىن باشقا، ھەر ئايدا بىر مىڭ 500 يۈەن ئەتراپىدا ئىش ھەققى ئالىمەن. دېمەك، كىرىمىم بىر ھەسسە ئاشتى. مەن يەنە ئۆرۈك كۆچىتىنى ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋالدىم، كەلگۈسى بىيىشقا قارىتا ئىشەنچىم بار.

  كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ پىلانىغا ئاساسەن، كېچىكىپ ئۆسىدىغان ئۆرۈك كۆچىتى تىكىش پەقەت تۇنجى قەدەم. بۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار يەنە دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ يەرلىك توخو بېقىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، دېھقانلار شادلىقى ساياھەتچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. تەڭرىتاغ يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى ياۋ كەييۈەن مۇنداق دېدى:- خىزمەت گۇرۇپپىسى كەلگەندىن كېيىن ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇش ئارقىلىق، باشقا پۇقرالارغا ئۈلگە كۆرسىتىپ، مەيلى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ياكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىى ئاشۇرۇش، كەنت دەرىجىلىك ئاساسي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشى جەھەتتىن بولسۇن نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر ھاسىل قىلىندى. خەلق قەلبى پارتىيىگە تېخىمۇ يېقىنلاشتى. پارتىيە بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت تېخىمۇ يېقىنلاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر