باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىر يىلدىن بۇيان خەلق تۇرمۇشىغا چېتىلىدىغان 219 مىڭ دېلو بىر تەرەپ قىلىندى

2015.02.15 09:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 14-فېۋرال مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: مەملىكەت بويىچە سوت مەھكىمىلىرى ئۆتكەن يىلىنىڭ بېشىدىن بۇيان خەلق تۇرمۇشىغا چېتىلىدىغان دېلولارنى مەخسۇس مەركەزلىك ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى. بۇ يىل 14-فېۋرالغىچە، جايلاردىكى سوت مەھكىمىلىرى ئىجرا قىلغان تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشىغا چېتىلىدىغان دېلو 219 مىڭغا يەتتى، ئەمەلىي ئىجرا قىلىنىش سوممىسى 8 مىليارد 780 مىليون يۈەن بولدى.

  بۇ قېتىمقى مەخسۇس مەركەزلىك ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىدە ئەمگەك ھەققى ، بېقىش ھەققى، نەپىقە پۇلى، داۋالىنىش زىيىنى تۆلىمى، قاتناش ۋەقەلىرىدىكى جىسمانىي زىيان تۆلىمى، ئىش ۋاقتىدا يارىلىنىش تۆلىمىنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق ئالاقىدار دېلولارنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى ئېنىقلىنىدۇ.

  دېلولارنى ئىجرا قىلغاندىن سىرت جايلاردىكى سوت مەھكىمىلىرى يەنە ئەدلىيە جەھەتتە ياردەم بەرگەن دېلو 19 مىڭ 230غا يەتتى، بۇ 21 مىڭ 147 كىشىگە چېتىلىدۇ، ئەدلىيە جەھەتتە قۇتقۇزۇش سوممىسى 219 مىليون يۈەنگە يېتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتى قوغدالدى.

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ يىل 1-ئايدا جايلاردىكى سوت مەھكىمىلىرىدىن 2015-يىلى چاغاندىن بۇرۇن، خەلق تۇرمۇشىغا چېتىلىدىغان ئىجرا قىلىنىدىغان دېلولارنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئوبدان ئىشلەپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا بەرمەسلىك دېلولىرىنى ھەقىقىي ئىجرا قىلىش سالمىقىنى زورايتتى. بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىتتا، جايلاردىكى سوت مەھكىمىلىرى دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا بەرمەسلىك دېلوسىدىن 12 مىڭدىن كۆپرەكنى بىر تەرەپ قىلىپ، 360 مىليوندىن يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى قايتۇرۇپ كېلىپ، 19 مىڭدىن ئارتۇق كىشىگە تارقىتىپ بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر