باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن« مۇلازىمەت سودىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەققىدە بىرقانچە پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

2015.02.15 09:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن « مۇلازىمەت سودىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىش ھەققىدىكى بىرقانچە پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى، بۇ گوۋۇيۈەننىڭ مۇلازىمەت سودىسى تەرەققىياتى ھەققىدە تۇنجى قېتىم ئومۇميۈزلۈك سىستېمىلىق ئىستراتېگيەلىك نىشان ۋە ئاساسى ۋەزىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى شۇنداقلا مۇلازىمەت سودىسى تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشى.

  پىكىردە مۇنۇلار ئېنىق بەلگىلەندى: مۇلازىمەت سودىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار مۇھىتى يارىتىشقا كۈچەپ، مۇلازىمەت ساھەسىدە ئۆزئارا مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇلازىمەت سودىسى سىياسىتىنى قوللاش سىسېتمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مۇلازىمەت سودىسىنى ئەركىنلەشتۈرۈش ۋە قولايلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، مۇلازىمەت سودىسى كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇلازىمەت سودىسى قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، مۇلازىمەتنى ئېكىسپورت قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، جۇڭگو مۇلازمىتىنىڭ خەلقئارادىكى رىقابەت كۈچىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك، 2020-يىلىغا بارغاندا ئېلىمىزنىڭ مۇلازىمەت ئىمپورت ئېكىسپورت ئومۇمى سوممىسى 1 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ، مۇلازىمەت سودىسىنىڭ تاشقى سودىدا ئىگەللىگەن نىسبىتى يەنىمۇ ئاشىدۇ، مۇلازىمەت سودىسىنىڭ يەر شارىدىكى سالمىقى يىلسېرى ئېشىپ بارىدۇ.

  پىكىردە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: زامانىۋى مۇلازىمەت بىلەن مۇلازىمەت سودىسىنىڭ مەركەزلىشىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شارائىتى بار رايونلاردا مۇلازىمەت سودىسىدا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات سىنقى ئېلىپ بېرىپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش شارائىتىدا يېڭى مۇلازىمەت سودا تەرەققيات قېلىپى ئۈستىدە پائال ئىزلىنىپ، ئاساسى كەسىپلەر گەۋدىلەنگەن، رىقابەت كۈچى كۈچلۈك، چوڭ تىپتىكى بىر تۈركۈم دۆلەت ھالقىغان مۇلازىمەت كارخانىلىرىنى قۇرۇپ، خەلقئارا تەسىرى كۈچى بىرقەدەر كۈچلۈك بىرقانچە مۇلازىمەت ماركىلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، مۇلازىمەتنى ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، مۇلازىمەتتە سىرتقا مەبلەغ سېلىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر