- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىكىنىڭ يەمەن پايتەختى سانادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ خىزمىتىنى ۋاقتىنچە توختاتتى
2015.02.15 14:21 مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى
ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 14-فېۋرال، ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىكىنىڭ يەمەن پايتەختى سانادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ خىزمىتىنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقىنى ھەمدە ئەلچىخانىدا خىزمەت قىلىدىغان بارلىق دىپلوماتىيە خادىملىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يېقىندا يەمەن قۇسەي تەشكىلاتى پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىپ، مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېت قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم رايونلاردا نامايىش ۋە كۈچ كۆرسىتىش ھەرىكىتى پارتلىغان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىلىك كېڭىشى بايانات ئېلان قىلىپ بۇ ئىشقا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت
ئالاقىدار خەۋەرلەر