باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

«بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنىڭ يېڭى باسقۇچىدا «نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەت»نى بىرىكتۈرش

2015.02.15 09:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  10-فېۋرال ئېچىلغان مەركەز مالىيە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 9-قېتىملىق يىغىنىدا نۇرغۇن ئىقتىسادىي ئۇچۇرلار ئاشكارىلاندى. مەركەز رەھبەرلىرى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى بېكىتكەن 7 تۈرلۈك زور ئىشلارنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئاڭلاپ ئۆتتى، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى تۈر «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسىنى چىڭ تۇتۇپ قۇرۇش شۇنداقلا يېپەك يولى فوندىنىڭ ماھىيەتلىك تۈرلەرگە بالدۇراق مەبلەغ سېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. بۇ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ماھىيەتلىك ئىلگىرى سۈرۈش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنى، «قانداق قىلىش كېرەك؟» دېگەن مەسىلىنى كۆپ ئويلىشىشى كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيان، ھەر خىل تەتقىقاتلار ۋە مۇھاكىمىلەر كۆپ قىسىم ۋاقىتتا «نەزەرىيە» قاتلىمىغا قارىتىلدى، مەسىلەن: يېپەك يولى مەدەنىيىتىنى بايان قىلىش ياكى ئەل رايىنى يېڭىش ۋە مۇجەسسەملەش قاتارلىقلار. ھازىرقى بۇ يېڭى باسقۇچتا «نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەت»نى بىرىكتۈرۈش، «بەشنى راۋانلاشتۇرۇش» رامكىسىنى تېخىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈش، «بىر بەلۋاغ بىر يول» يولنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە دەسلەپكى نەتىجىلەر قولغا كەلدى.

  سىياسەتلەرنى كېڭىشىش، ئەسلىھەلەرنى تورلاشتۇرۇش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇش قاتارلىق تەلەپلەرنى كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتلىمىدا تېخىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈشكە بولىدۇ، مەسىلەن: سىياسەتلەرنى كېڭىشىش ئىدىيەدە ئورتاقلىق ھاسىل قىلىش، تەدبىرلەرنى بىرلىكتە مەسلىھەتلىشىشنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى؛ ئەسلىھەلەرنى تورلاشتۇرۇش ئەسلىھەلەرنى تەڭ قۇرۇش، بايلىقتىن تەڭ بەھىرىلىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى؛ سودىنى راۋانلاشتۇرۇش باجنى ئوخشاش بېكىتىش، بەلگىلىمىنى تەڭ مەسلىھەتلىشىشنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى؛ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش پېرىۋوت نىسبىتىنى تەڭ ئۆزگەرتىش، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى؛ ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇش مەدەنىيەتتە تەڭ مەۋجۇت بولۇپ، قىممەتتىن تەڭ نەپ ئېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.

  شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى ئەمەلىيەتتە بۇ بەش تەلەپتە نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەت بىرىكتۈرۈلگەن. نەزەرىيە جەھەتتە، جۇڭگو پەقەت چوڭ دۆلەتلىك تەسىرىنى داۋاملىق كۆرسىتىپ، «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىدىيە، تەدبىر ۋە ھەمكارلىق مېخانىزىمى جەھەتتىكى ئورتاق تونۇشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېپەك يولىنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت مەزمۇنىنى داۋاملىق چوڭقۇر قازسا چوقۇم «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئەتراپىدىكى رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچنى كۈچەيتىپ، تەڭ تەرەققىي قىلىدۇ.

  ئەمەلىيەت جەھەتتە بولسا، جۇڭگو ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسى ۋە يېپەك يولى فوندى قاتارلىق پۇل مۇئامىلە جەھەتتە قوللاش تۈرلىرىنى باشلاپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول، يادرو ئېلېكتىرى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە چەتئەللەرگە يۈزلەندى. «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە جۇڭگو ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن چوڭ دۆلەتنىڭ سەمىمىيىتى ۋە ئىشەنچىسىنى نامايەن قىلدى، جۇڭگو ئەمدى بوشاپ قالسا بولمايدۇ، چوقۇم «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ داۋاملىق كۈچەيتىپ مېڭىشى كېرەك.

  ھازىر «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى قىزغىنلىققا ئايلاندى، بىر قىسىم جايلارنىڭ پىلان تەدبىرلىرى ۋە تەرەققىيات نۇقتىلىرىدا «تالا مۈشۈكى ئۆي مۈشۈكىنى قوغلاش»تەك ئاجىزلىقلار كۆرۈلىۋاتىدۇ. «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى ئۇزاق مەزگىللىك سىستېما قۇرۇلۇشى بولغانلىقى ئۈچۈن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۇۋەپپەقىيەتكە قازانغىلى بولمايدۇ، بۇ پىلانلارنى ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە بېرىلىپ كېتىشكە بولمايدۇ، تەكرار قۇرۇلۇش قىلىشتىن ساقلىنىش، تاللاشتا چوقۇم ئىشنىڭ مۇھىملىقىغا، ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىشنىڭ رەت تەرتىپىگە دىققەت قىلىش كېرەك.

  پۇل مۇئامىلە ھازىرقى زامان ئىقتىسادىنىڭ يادروسى، دۆلەت ئىستراتېگىيەسىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇننى ئىگەللەيدۇ، «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلىشىدا پۇل مۇئامىلىنى چوقۇم ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك. ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئاسىيانىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلىشىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش، ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسى ئۇل ئەسلىھەگە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش جەھەتتە ھازىرقى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنى تولۇقلايدۇ. يېپەك يولى فوندى ئېلىمىزنىڭ مەبلەغ ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى بىۋاستە قوللايدۇ. «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ زور مەبلەغ ئېھتىياجىنى قاندۇرغاندىلا ئاندىن تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولىدۇ.

  بۇندىن باشقا، جۇڭگو ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى جەھەتتە ياخشى تەجرىبىگە، ئىشلەپ چىقىرىش ئىقتىدارى جەھەتتە ئۈستۈنلۈككە ئىگە، بۇ ئاسىيا ئەللىرى ۋە رايوننىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ناچارلىشىشغا تاقابىل تۇرۇشى شۇنداقلا ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىدىكى تەلەپ. ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشلەپ چىقىرىش ئىقتىدارىنى چەتئەللەرگە يۈزلەندۈرگەندە مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولغىلى ھەمدە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەلەپلىرىنى بىرىكتۈرگىلى بولىدۇ.

  «بىر بەلۋاغ بىر يول» زور سىغدۇرۇش كۈچىگە ۋە زور ھاياتى كۈچكە ئىگە ئۇلۇغ تەسەۋۋۇر. ئۇ دۇچ كېلىدىغان خەلقئارا مۇھىت ئۆزگىرىشچان، رايون ئەھۋالى مۇرەككەپ، رېئال ئېھتىياج ئىنتايىن كۆپ. «ئەمەلىيەت» جەھەتكە كۈچ چىقىرىشنى تەكىتلەش «نەزەرىيەنىڭ» رولىنى قايرىپ قويۇش دېگەنلىك بولماستىن ئىدىيە تەتقىقاتىنى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا سىڭدۈرۈش شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش تەجرىبىلىرى ئارقىلىق ئىدىيە تەتقىقاتىغا تېخىمۇ چوڭ بوشلۇق يارىتىش دېگەنلىك.

  قەدەمنى پۇختا باسقاندا، «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۆز-ئارا نەپ يەتكۈزۈپ، تەڭ غەلبە قىلىدىغان يول ھازىرلىغىلى بولىدۇ. ئىدىيە تونۇشى ۋە ماھىيەتلىك تەرەققىيات بىر-بىرىنى تولۇقلىغاندا، بىز ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىنى زىچ بىرىكتۈرەلەيمىز، ئىقتىسادنىڭ ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسى يارىتالايمىز، دۆلەت ئىچىدىكى ھەر قايسى جايلار، «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئەتراپىدىكى ئەللەر ۋە رايونلارنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر