باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇھىت ئاسراش خادىملىرىنىڭ قانۇن ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىقىغا ئائىت 13 تىپىك دېلونى ئېلان قىلىندى

2015.02.16 09:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتىدە تۈنۈگۈن مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى مەمۇرىي تەپتىش ئىدارىسى يېقىندا 6 ئۆلكىدە يۈز بەرگەن مۇھىت ئاسراش خادىملىرىنىڭ قانۇن ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىقىغا ئائىت 13 تىپىك دېلونى ئېلان قىلدى. ئوقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: مۇھىت ئاسراش سىستېمىسىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار يۇقىرىقى دېلودىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، بۇنىڭدىن ھەقىقىي ئىبرەت ئېلىشى كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مۇھىت ئاسراش سىستېمىسىدا ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش دېلولىرى يىلمۇ-يىل كۆپىيىپ قالدى، مۇھىتنى باھالاش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، قانۇن ئىجراسى ئۈستىدىن نازارەت قىلىش، قاتتىق كېرەكسىز بۇيۇملارنى باشقۇرۇش، مۇھىت ئۆلچەش، مەخسۇس مەبلەغنى مەلۇم قىلىش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئالاقىدار ھالقىلاردا چىرىكلىشىش دېلولىرى ئاسان، كۆپ يۈز بەردى. مۇھىت ئاسراش سىستېمىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش تارماقلىرى قانۇن ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشكە بولغان نازارەتچىلىكنى، نۇقتىلىق جايلار ۋە شەخسلەرگە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، باشتىن-ئاخىر يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر