باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكتىمىزدە بۇلتۇر 16 مىليون 870 مىڭ بوۋاق تۇغۇلدى

2015.02.16 11:39         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكىتىمىزدە 2-پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، نوپۇسنىڭ تۇغۇلۇش ۋەزىيىتىدە قانداق ئۆزگىرىش بولدى؟ مۇخبىرنىڭ جۇڭگو نوپۇس ئىلمى جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان جۇڭگو نوپۇس ۋەزىيەت ئانالىزى ۋە كەلگۈسى تەرەققىيات مۇھاكىمە يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2014-يىلى مەملىكىتىمىزدە 16 مىليون 870 مىڭ بوۋاق تۇغۇلغان، بۇ 2013-يىلدىكىدىن 470 مىڭ كۆپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، كۆپەيگەن بۇ نوپۇسلار 2-پەرزەنتىلىك بولۇش سىياسىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانىكەن، بۇ يىل تۇغۇلىدىغانلارنىڭ سانى 2014-يىلغا سېلىشتۇرغاندا 1 مىليون ئەتراپىدا كۆپىيىدىكەن.

  مەملىكتىمىزنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ تۆۋەنلەشكە باشلىغان، 2003-يىلى يېڭىدىن تۇغۇلغانلارنىڭ سانى 20 مىليوندىن تۆۋەنلەپ 16 مىليون ئەتراپىغا چۈشكەن، 2014-يىلى يەنە قايتىدىن 2001-يىلدىكى سانغا يېقىنلاشقان. مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 2-پەرزەنتلىك بولۇشقا ئىلتىماس سۇنىۋاتقانلار ھەر ئايدا 80 مىڭدىن 90 مىڭغىچە كۆپىيىۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر