باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەسەبىي تەشكىلات باغدادىغا ھۇجۇم قىلدى

2015.02.15 09:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەسەبىي تەشكىلات «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» 13-فېۋرال ئۈچ يۆلىنىشتىن ئىراق ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنى چېكىندۈرۈپ، غەربتىكى مۇھىم بازار باغدادىنى تارتىۋالغان. بۇ يەرنىڭ ئارىلىقى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئاساد ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا ئاران 15 كىلومېتىرلا كېلىدۇ. باغدادىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ سەككىز ئەزاسى ئۇچىسىغا ئىراق ئارمىيەسىنىڭ فورمىسىنى كىيىپ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بازىسىغا يوشۇرۇنۇۋالغان ھەمدە ھۇجۇم قىلغان. ئىراق ئارمىيەسى بۇ قوراللىق ئۇنسۇرلارنى تەلتۆكۈس يوقاتقان. ئامېرىكا ئەمەلدارى مۇنداق دېگەن: ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى قوراللىق ئۇنسۇرلىرى بازىنىڭ ئىچىدىكى ئىراقنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك گېنېراللىرى تۇرۇشلۇق جايغا ھۇجۇم قىلدى، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ مەشىقلەندۈرگۈچى خادىملىرى بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىدى. خەۋەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بازىسىدا تەخمىنەن 400 ئامېرىكا ئەسكىرى بار بولۇپ، ئۇلار 800 ئىراقلىقنى مەشىقلەندۈرۈشكە مەسئۇل ئىكەن. بازا ئەسكەر كۆپەيتىشنى ئىلتىماس قىلغان. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە بازىنىڭ چېكىنىش پىلانى يوق ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر