باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپىرا ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى ھال سوراش ئويۇن قويدى

2015.02.15 14:05         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاغان يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپىرا ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەھەللىلەر، ئاھالىلەر كومىتىتلىرى، ياشانغانلار ساناتورىيىسى، ھەربى قىسىملار، ئەتراپىدىكى رايونلارغا قەدەر بېرىپ، «تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلق ئارىسىغا يىلتىز تارتىش» تىمىسىدا، «مېنىڭ جۇڭگو ئارزۇيۇم-- مەدەنىيەتنى ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزۈش» ھال سوراش ئويۇن قويۇش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت تاماشبىنلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  ئويۇن قويۇش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىغان سەنئەت نومۇرلىرى كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلىگە ياقتى. جۇشقۇن مىلودىيىلىك ناخشا «ئىناق شىنجاڭ»، «گۈزەل يېڭى جۇڭگو»، كوللىكتىپ ئۇسسۇل «دولان مەشرىپى»، «باھاردىكى بالىت»، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ناخشا «يايلاقتا تۇرۇپ بېيجىڭغا تەلپۈنۈش»، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان ئىتوتلاردىن «يامان بولىدۇ»، «نەق مەيدان ئاڭلىتىشى» شۇنداقلا يەنە شوخ ئۇيغۇرچە ئۇسسۇللار كۆپچىلىكنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشى، قىزغىن ئالقىشىغا مۇيەسسەر بولدى.

  ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپىرا ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى كەلگۈسى بىر قانچە كۈن ئىچىدە يەنە داۋاملىق ئاساسى قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كېسەللەر، بالىلار ۋە مىيىپلارغا ئەڭ ئېسىل سەنئەت نومۇرلىرىنى تەقدىم قىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر