باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

يەتتە دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى يېڭى مىنىسكى كېلىشىمىنى قارشى ئالدى

2015.02.15 09:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يەتتە دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى تۈنۈگۈن ئۇكرائىنا مەسىلىسى ھەققىدە بىرلىشىپ بايانات ئېلان قىلدى، باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: يەتتە دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى ھەمدە ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى يېڭىدىن ھاسىل قىلىنغان مىنىسكى كېلىشىمىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: بۇ كېلىشىم ئۇكرائىنانىڭ شەرقى قىسمىدىكى توقۇنۇشنى ئومۇميۈزلۈك، ئۇزاق مۇددەت، تىنچ ھەل قىلىش لايىھەسىنى تېپىپ چىقىشقا شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ دەپ ھېسابلىدى.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: يەتتە دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ يېڭىدىن ھاسىل قىلىنغان مىنىسكى كېلىشىمىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، تەدبىرلەرنى دەرھال ئىجرا قىلىشى ھەمدە 15 –فېۋرال ئۇرۇش توختىتىپ بولۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى. ناۋادا ئالاقىدار تەرەپلەر مىنىسكى كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مەسلىھەتلىشىپ بولغان ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئېغىر تىپتىكى قوراللارنى ئىشلەتمەسلىك قاتارلىق مەزمۇنلارغا ئەمەل قىلمىسا، يەتتە دۆلەت گۇرۇھى ھەر ۋاقىت مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر