سۈرەتتە:13-فېۋرال،ساقچىلار ۋەقە سادىر قىلغان ئاپتوموبىلنى تەكشۈرمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ13-فېۋرال ، بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:شاڭخەي شەھىرى ج خ ئىدارىسى 13-فېۋرال سەھەردە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى:12-فېۋرال سائەت 21دىن 43مىنۇت ئۆتكەندە،بىر قارا رەڭلىق تويوتا ماركىلىق ئاپتوموبىل ئۈرۈمچى يولىنى بويلاپ شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ ماڭغاندا،تۇيۇقسىز ئوڭغا بۇرۇلۇپ ئوتتۇرا خۇەيخەي يولى 1469 نومۇر(ئامېرىكىنىڭ شاڭخەيدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسىنىڭ يان ئىشىكى)نىڭ بىخەتەرلىك رېشاتكىسىنى سوقۇۋەتتى، بىر ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قۇراللىق ساقچى يېنىك زەخىملەندى. ئەتراپتىكى چارلاش ساقچىلىرى دەرھال نەق مەيدانغان يېتىپ كېلىپ ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قۇراللىق ساقچى بىلەن بىرلىكتە ۋەقە سادىر قىلغان شوپۇرنى كونترول قىلدى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ۋەقە سادىر قىلغان ئەر ليۇ داۋجيې 35ياش،فۇجيەن ئۆلكىسى سەنمىڭ شەھىرى جيەننىڭ ناھىيىسىدىن ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. دەسلەپكى قەدەمدە ھاراق ئىچىۋېلىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، زەھەر چەككەندىن كىيىن ئاپتوموبىل ھەيدەش ئېھتىماللىقى ساقىت قىلىندى. ۋەقە داۋاملىق تەكشۈرۈلمەكتە.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ تىڭ فوتوسى
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى