باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى يېڭى بەلگىلىمە ئېلان قىلدى

ھېسابات نومۇرى قالايمىقانچىلىقى قاتتىق تەرتىپكە سېلىنىدۇ

2015.02.15 13:57         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى يېقىندا ‹‹ئالاقە تورى ئابۇنىچىلىرىنىڭ ھېسابات نومۇرىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى››نى ئېلان قىلدى. بۇ بەلگىلىمە 1 – مارتتىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ئېلىمىز تور ئەھلىنىڭ سانى جەھەتتە دۇنيادا 1 – ئورۇندا تۇرىدۇ، ئابۇنىچىلارنىڭ ھېسابات نومۇرى ئىنتايىن كۆپ، ھېسابات نومۇرى قالايمىقان بولۇش ئەھۋالى كۈنسايىن گەۋدىلىنىۋاتىدۇ. بەزىلەر پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ، مەسىلەن: ‹‹مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى كۆزىتىش گۇرۇپپىسى››نىڭ نامىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ ئاممىنى قايمۇقتۇرۇۋاتىدۇ؛ بەزىلەر تاراتقۇلارنىڭ، مەسىلەن: ‹‹خەلق گېزىتى››نىڭ نامىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ يالغان، ساختا خەۋەر تارقىتىۋاتىدۇ؛ بەزىلەر باشقىلارنىڭ نامىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ شەخسلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىگە دەخلى – تەرۇز قىلىۋاتىدۇ؛ بەزىلەر چەت ئەل دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىسمىنى، مەسىلەن: ‹‹پۇتىن››، ‹‹ئوباما›› دېگەندەك ناملارنى قوللىنىۋاتىدۇ؛ بەزىلەر كارخانا، مەمۇرىي ئورۇن ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، يالغان ئۇچۇر تارقىتىۋاتىدۇ؛ بەزىلەرنىڭ تور نامى ۋە باش سۈرىتى شەھۋانىي تۈس ئالغان؛ بەزىلەر قىسقىچە تەرجىمىھالىدا ‹‹قورال – ياراغ سودىگىرى››، ‹‹سەھرادىكى قىمارخانا›› دېگەندەك ناملار بىلەن تېررورلۇق، قىمارۋازلىق، زەھەر چېكىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى تارقىتىۋاتىدۇ؛ بەزىلەر ئىجتىمائىي ئەخلاققا خىلاپ پەسكەشلىكلەرنى، مەدەنىيەتسىزلىكلەرنى تەرغىب قىلىۋاتىدۇ؛ بەزىلەر ئوچۇق – ئاشكارا دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈۋاتىدۇ؛ بەزىلەر بىدئەتلىكنى ۋە فېئوداللىقنى تەرغىب قىلىۋاتىدۇ. ئالاقىدار مەسئۇل مۇنداق دېدى: يۇقىرىقى ئەھۋاللار تور مۇھىتىنى بۇلغاپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە دەخلى – تەرۇز يەتكۈزۈپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، ئىجتىمائىي ئاپەتكە ئايلاندى. شۇڭا ھېسابات نومۇرىنى تەرتىپكە سېلىش ناھايىتى زۆرۈر بولۇپ قالدى.

  بۇ مەسئۇل خادىم مۇنداق دېدى: ‹‹بەلگىلىمە››دە ھېسابات نومۇرى نامى، باش سۈرىتى ۋە قىسقىچە تەرجىمىھال قاتارلىقلارنى ئىشلىتىش قېلىپلاشتۇرۇلدى. بۇ مىكرو بىلوگ، مۇنبەر، يازمىلارغا بېرىلگەن باھا قاتارلىق ئالاقە تورى ئۇچۇر مۇلازىمىتىدە ئىشلىتىلىۋاتقان بارلىق ھېسابات نومۇرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھېسابات نومۇرىنى باشقۇرۇشتا ‹‹ئارقا سۇپىدا ھەقىقىي نامىنى ئىشلىتىش، ئالدى سۇپىدا ئۆزى خالىغاننى ئىشلىتىش›› پىرىنسىپىغا ئاساسەن ئابۇنىچىلارنىڭ خاسلىققا ئىگە ئىسىملارنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىنىدۇ ھەم ئالدى سۇپىدىكى نام قالايمىقان بولۇش مەسىلىسى نۇقتىلىق ھەل قىلىنىدۇ.

  ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ئالاقە تورى كارخانىلىرى باشقۇرۇشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت كۆلىمىگە ماس كەسپىي خادىملارنى سەپلىشى، ئالاقە تورى ئابۇنىچىلىرى يوللىغان ھېسابات نومۇرى نامى، باش سۈرىتى ۋە قىسقىچە تەرجىمىھالى قاتارلىق رويخەتكە ئالىدىغان ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشى، قانۇنغا خىلاپ ۋە ناچار ئۇچۇرلارنى رويخەتكە ئالماسلىقى كېرەك. قانۇنغا خىلاپ ۋە ناچار ئۇچۇرلۇق ھېسابات نومۇرلىرىغا مۆھلەت بەلگىلەپ تۈزىتىشكە بۇيرۇش، ئىشلىتىشتىن ۋاقىتلىق توختىتىش، تىزىملىكتىن ئۇچۈرۈۋېتىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالاقە تورى كارخانىلىرى ئابۇنىچىلارنىڭ ئۇچۇرى ۋە پۇقرالارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قوغدىشى، پاش قىلىنغان ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى قۇرۇشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى كېرەك.

  مەسئۇل خادىم مۇنداق دېدى: دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى قارىمىقىدىكى جۇڭگو ئالاقە تورى قانۇنغا خىلاپ ۋە ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش مەركىزى جەمئىيەتنىڭ ئەرز – شىكايەتلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ، پاش قىلىش تېلېفون نومۇرى: 12377، پاش قىلىش تور ئادرېسى: www.12377.cn.، پاش قىلىش ئېلخەت ساندۇقى: 12377.cn@jubao پاش قىلىپ خىزمەت كۆرسەتكەنلەر مۇكاپاتلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر