- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شەھەر، بازار ئاھالىسىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مالىيە ياردەم پۇلى 60 يۈەن ئۆستۈرۈلىدۇ
ئۆزى تاپشۇرىدىغان قىسمىمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ
2015.02.15 14:45 مەنبە: خەلق تورى
ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى يېقىندا، 2015-يىلى شەھەر، بازار ئاھالىسىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مالىيە ياردەم پۇلىنىڭ 60 يۈەن ئۆستۈرىدىغانلىقى، شەھەر، بازار ئاھالىسى ئۆزى تاپشۇرىدىغان پۇلنىڭمۇ ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ ئېلان قىلغان «2015-يىللىق شەھەر، بازار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»دا، 2015-يىلى ھەر دەرىجىلىك مالىيەنىڭ ئاھالىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا ئاجراتقان ياردەم پۇل ئۆلچىمىنىڭ 2014-يىلدىكى ئاساستا يەنە 60 يۈەن ئۆستۈرۈلۈپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر كىشىنىڭ 380 يۈەن بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر