باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوباما تور بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى

2015.02.15 09:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما قوشماشىتات ھۆكۈمىتى ۋە خۇسۇسىي كارخانىلار تورلىرىنى تېخىمۇ ئوبدان قوغداپ، خاككېرنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىشىدىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، 2016-يىللىق مالىيە خامچوتىدا 14 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىتىپ، ئامېرىكىنىڭ تور بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش تەكلىپىنى ئوتتۇرغا قويغان.

  بۇ خامچوت بويىچە بۇ يىل تور بىخەتەرلىكىگە 12 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىش ئاساسىدا يەنە تەخمىنەن 1 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كۆپەيتىلىدۇ. 2013-يىلى 10 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا مەبلەغ سېلىنغان تور بىخەتەرلىك خامچوتىدىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ تور بىخەتەرلىكىگە سالغان مەبلىغى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مۇقىم ئاشتى، بۇ ئامېرىكىنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە كارخانىلارنىڭ دۆلەت ئىچى ياكى سىرتىدا بولسۇن، تور ھۇجۇمنىڭ تەھدىتىگە بارغانچە ئېغىر ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈردى.

  2-فېۋرال ئېلان قىلغان بۇ خامچوت لايىھەسىدە تېخىمۇ كۆپ ھۇجۇمغا ئۇچراشنى ئۆلچەش ۋە ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلار ھەمدە باشقا دۆلەتلەر ئارا سانلىق مەلۇماتلاردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش مېخانىزمىنى كۈچەيتىش، ھۆكۈمەتنىڭ خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئىنكاس قايتۇرۇش سېلىنمىسىنى كۆپەيتىش كونكرېت تەلەپ قىلىندى.

  ئاق ساراي خامچوت لايىھەسىدە ئوتتۇرغا قويغان كونكرېت تۈرلەر مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: قوشماشىتات كومپيۇتېرى تورنى نازارەت قىلىپ ئۆلچەش ۋە ئېنىقلاش، ئەينىشتىيىن ھۇجۇمىنى ئۆلچەش ھەمدە ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى، ھۆكۈمەت دائىرىسىدىكى ئۆلچەش سىنىقى ۋە جىددىي ئەھۋاللارغا ئىنكاس بىلدۈرۈش مەشىقى قىلىش.

  بۇ خامچوتتا يەنە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: 227 مىليون ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىپ، خەلق تور ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇش كېرەك، بۇنىڭدىن مەقسەت- ھۆكۈمەت بىلەن شەخسلەرنىڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئۇندىن باشقا يەنە ئامېرىكا ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق دۆلەت يادرو بىخەتەرلىك ئىدارىسى 160 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاجراتقان ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە قورال- ياراق تۈرى تورى بىخەتەرلىك خامچوتى بار.

  ئاق ساراي يەكۈنلەش داۋامىدا مۇنۇلارنى ئوتتۇرغا قويدى: خۇسۇسىي كارخانىلار ئاچقۇچلۇق ئۇل ئەسلىھەلەر ۋە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تور بىخەتەرلىكى تەھدىتى شۇنى كۆرسەتتىكى، بىرەر تارماق، تور ياكى سىستېما سودا ياكى ھۆكۈمەت مەخپىيەتلىكى ۋە مال مۈلۈكنى ئوغرىلاش ئۈستىدە ئىزدىنىلگەن يامان غەرەزلىك ۋە بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرلىك ھەرىكەتلەرنىڭ كاشىلىسىدىن ساقلىنىپ قالالمىدى.

  بەش بۇرجەكلىك بىناغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلار تەلەپ قىلغان تور بىخەتەرلىكى خامچوتى 5 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى، بەش بۇرجەكلىك بىنادىكى باش قورال ياراق تەكشۈرگۈچى ئالدىنقى ئايدا ئامېرىكا پارلامېنتىغا مۇنداق دېگەن ئىدى: ئامېرىكىنىڭ ھەر بىر قورال- ياراق تۈرىدىن تور ھۇجۇمىغا ئاسانلا ئۇچراشتەك ئېغىر ئاجىزلىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، ئالايلۇق: يۇمشاق دېتاللارنىڭ سەپلىنىشى مۇۋاپىق بولماسلىق، ياماق تولۇقلانماسلىق، ياكى بەك كونىراپ كېتىش ۋەھاكازالار.

  بۇ قېتىمقى مالىيە يىلى 1-ئۆكتەبىر باشلىنىدۇ، ھازىر جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى كونترول قىلىۋاتقان پارلامېنتنىڭ تور بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا مەبلەغ ئاجرىتىش لايىھەسىگە قوشۇلىدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس.

  ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن چوڭ تىپتىكى قورال ياراق كارخانىلىرى دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئاخبارات ئورگانلىرىنى تور بىخەتەرلىكى، سىفىرلاشتۇرۇش ھەمدە تەھلىل قىلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر تەمىنلەپ كەلدى، شۇڭا ھۆكۈمەتنىڭ تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش خامچوتى بۇ ھەربىي قورال- ياراق ماگناتلىرىغا نىسبەتەن شەك-شۈبھىسىز خوش خەۋەر.

  ئەلۋەتتە، نۇرغۇن ئوتتۇرا كىچىك شىركەتلەرمۇ بۇنىڭدىن پايدا ئالىدۇ. خۇسۇسىي تارماقلار قاتلىمىدىن قارىغاندا، بۇندىن بۇرۇن نۇرغۇن پارچە سېتىش كارخانىلىرى، بانكىلار ھەمدە باشقا شىركەتلەر خاككېرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراش ۋەقەلىرى كۆپ يۈز بەرگەنلىكتىن، تور بىخەتەرلىكىدىن بارغانچە ئەندىشە قىلغان ئىدى، ئۇلارنىڭ ئالاقىدار چىقىم خامچوتى كۆپەيدى، بۇ قېتىمقى خامچوت لايىھەسى بىخەتەرلىك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان شىركەتلەرگە پايدا يەتكۈزىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر