باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ۋاڭ يى جۇڭگونىڭ پاكىستاندىكى ئەلچىخانىسىنىڭ بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

2015.02.15 09:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  13-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن، پاكىستاندا زىيارەتتە بولىۋاتقان دىپلوماتىيە مىنىستىرىمىز ۋاڭ يى ئىلىمىزنىڭ پاكىستاندىكى ئەلچىخانىسىنىڭ بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ئىلىمىزنىڭ پاكىستان ئەلچىخانىسىنىڭ بارلىق خىزمەتچىلىرى قاتناشتى.

  ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە، ۋاڭ يى ئۆز قولى بىلەن بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى چىقىرىپ، ئىلىمىزنىڭ پاكىستاندىكى يېڭى ئەلچىخانىسىنىڭ رەسمىي پۈتكەنلىكىنى جاكارلىدى. ئارقىدىن ۋاڭ يى سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يېڭى ساراي جۇڭگونىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى ۋە دۆلەت ئوبرازىنى، روشەن جۇڭگو ئۇسلۇبى ۋە جۇڭگو سالاپىتىنى نامايان قىلدى. ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاھىدە دوستلۇقىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ ئومۇميۈزلۈك دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چوقۇم تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر