باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ھۆكۈمەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىدىكى «نەتىجە تىزىملىكى» نى ئېلان قىلىندى

2015.02.15 14:04         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تور پونكىتى يېقىندا سىرتقا 2014- يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىدىكى «نەتىجە تىزىملىكى» نى ئېلان قىلىپ، ئاممىنىڭ ئەھۋالنى بىلىش ھوقوقى، قاتنىشىش ھوقوقى، ئىپادىلەش ھوقوقى ۋە نازارەتچىلىك ھوقوقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ھۆكۈمەت ئىش- پائالىيىتىنى قىلىپلاشتۇردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇر ئاشكارىلاش خىزمىتىنىڭ «نەتىجە تىزىملىكى» دىن ئايان بولىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزا- بازاردىن يۇقىرى دەرىجىلىك تۈرلۈك ھۆكۈمەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تور پونكىتىدىن 2 مىڭ 237 سى بار ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى شۇنداقلا ئۇنىڭ تەشكىلىي تارماقلىرىنىڭ تور پونكىتىدىن 47 سى، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر دەرىجىلىك تور پونكىتىدىن 14 ئى بار ئىكەن. بۇلتۇر 11- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز 185 پارچە ئۇچۇرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاشكارىلىغان. مەخسۇس تېمىدا تۈرلۈك ئۇچۇردىن 3 مىڭ 760 پارچىنى ئېلان قىلغان. مىكروبلوگ، ئۇندىدار ئارقىلىق تۈرلۈك ئۇچۇردىن 68 مىڭنى ئېلان قىلغان. 2014- يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۇچۇر ئېلان قىلىش «نەتىجە تىزىملىكى» نىڭ توردا ئېلان قىلىنىشى تارىختا تېخى تۇنجى قېتىملىق بولۇپ، پۇقرالارنىڭ ئالاھىدە دېققىتىنى تارتقان. ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى كاڭ شياۋشىڭ مۇنداق دېدى:- ساي يولى ۋە تاشقى ئايلانما يولىدىن ھەق يىغىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش بىز ئۈچۈن خوشخەۋەر بولدى. ھۆكۈمەتنىڭ ئۇچۇر ئېلان قىلىشى پۇقرارلارنىڭ ھۆكۈمەتكە ئىشىنىشىگە تېخىمۇ قولايلىق بولدى.

  2014- يىلى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر شۇنداقلا خىزمەت تارماقلىرى 146 مەيدان- قېتىم ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. 45 مەيدان- قېتىم لىنىيىدە سۆھبەتلەشتى. 4 مىڭ 200 پارچە سىياسەت توغرىسىدا بېرىلگەن چۈشەنچە ۋە ماقالە ئېلان قىلىندى. باشقا ئۇسۇل بىلەن 2 مىڭ 560 قېتىم جەمئىيەتكە جاۋاپ قايتۇرۇلدى. گەرچە ئاپتونوم رايوننىڭ بۇ قېتىمقى ئۇچۇر ئېلان قىلىش خىزمەت دائىرىسى ۋە سالمىقى ئالاھىدە زور بولۇپ ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان بولسىمۇ ئەمما نۇرغۇن تورداش، بەزى ئورۇنلارنىڭ ئۇچۇرنى ئاشكارىلىشى ئەمەلىيلەشمىدى، دەپ قارىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ليۇ شاۋگاڭ مۇنداق دېدى:- ئاشكارىلاش داۋامىدا بەزى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى تاللاش خاراكتىرلىك ئاشكارىلاشنى قوللاندى. خەلق ئاممىسى بىلىشكە قىزىقىدىغان، نازارەت قىلماقچى بولغان بەزى ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارلىمىدى. كېيىنكى قەدەمدە بىز مەركەزنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ھۆكۈمەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى ھەقىقىي تۈردە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي ئىشلارنى يولغا قويۇشىدىكى ئاساسىي تۈزۈم قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر