باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما تور بىخەتەرلىكى مەمۇرىي بۇيرۇقىغا ئىمزا قويدى

2015.02.15 09:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 13-فېۋرال ستانفونرت ئۇنىۋېرسىتېتىدا خۇسۇسىي كارخانىلار بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ھەمكارلىقىغا ئىلھام بېرىپ، تور بىخەتەرلىكى ئۇچۇرلىرى تەھدىتىدىن تەڭ بەھرىلىنىش توغرىسىدا بىر مەمۇرىي بۇيرۇققا ئىمزالىدى.

  ئوباما مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۇرغۇن ئامېرىكا شىركەتلىرى تور خاككېرلىرىنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قالدى، بۇ شىركەتلەر نەچچە تىرىليون ئامېرىكا دوللىرى تىجارەت قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ سودا مەخپىيەتلىكى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى قۇربانلىققا ئايلىنىپ قالماقتا.

  ئوباما مۇنداق دېدى: نۇرغۇن ئىنتېرنېت تورى، مۇھىم ئەسلىھەلىرىنىڭ ھەممىسى خۇسۇسىي كارخانىلار بولۇپ، مەيلى ئۇلار خۇسۇسىي بولسۇن ياكى ھۆكۈمەتنىڭ بولسۇن، ھەممىسى ئۆز ئالدىغا تور خاككېرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. شۇڭا، دۆلەت زېمىنى بىخەتەرلىكى ئىدارىسى پۇل ئاجرىتىپ بىر ئورگان تەسىس قىلىپ، ئۆزى خالاپ ئۇچۇرلاردىن تەڭ بەھرىمەن بولىدىغان ئۆلچەمنى بېكىتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر