باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەۋپسىزلىك كېڭىشى بوكو ھەرەم تەشكىلاتىنىڭ چادقا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى

2015.02.15 09:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 13-فېۋرال تاراتقۇدا بايانات ئېلان قىلىپ، قاتتىق سۆزلەر بىلەن «بوكو ھەرەم» تەشكىلاتى قوزغىغان ھۇجۇمنىڭ ئۈزلۈكسىز ئەۋجىگە چىققانلىقىنى ئەيىبلىدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «بوكو ھەرەم» تەشكىلاتىنىڭ قىلمىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق شەكىلدىكى تېررورىزم خەلقئارانىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە قىلىنغان ئېغىر تەھدىتلەرنىڭ بىرى. خەۋپسىزلىك كېڭىشى «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىيىسى»گە ئاساسەن، بارلىق شەكىلدىكى تېررورىزمغا قەتئىي زەربە بېرىدۇ.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: خەۋپسىزلىك كېڭىشى بۇ تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى سادىر قىلغۇچى، تەشكىللىگۈچى، مەبلەغ ياردىمى بەرگۈچىلەرنى قانۇن بويىچە جازالايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بارلىق دۆلەتلەرنى خەلقئارا قانۇن ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئالاقىدار قارار بەلگىلىمىلىرىدىكى مەجبۇرىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، بۇ ھەقتە ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن پائال ھەمكارلىشىشقا دەۋەت قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر