باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئۇكرائىنادا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولدى

2015.02.17 13:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 12-فېۋرال ھاسىل قىلىنغان مىنسك يېڭى كېلىشىمىگە ئاساسەن، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى رايونلاردا شۇ يەر ۋاقتى 15-فېۋرال سائەت نۆلدىن باشلاپ ئۇرۇش توختىغان. گەرچە ئاندا-ساندا ئوق ئاۋازلىرى ئاڭلانسىمۇ، لېكىن ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى ۋە ئۆكتىچىلەردىن ئىبارەت ئىككىلا تەرەپ ئۇرۇشنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن توختىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.

  15-فېۋرال ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئۇكرائىنا ئارمىيەسى باش ئىشتابىنىڭ ۋەكىلى مەلۇمات بېرىپ، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ئەل ئىچى قوراللىقلىرىنىڭ شۇ يەر ۋاقتى 15-فېۋرال سائەت 3:00 (بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 9:00) تىن باشلاپلا توپ ھۇجۇمىنى توختاتقانلىقىنى ئېيتقان.

  ئۇكرائىنا توقۇنۇشىدا ھازىرغا قەدەر 5000 ئادەم قازا قىلغان، شۇنداقلا بۇ توقۇنۇش رۇسىيە ۋە غەربتىكى دۆلەتلەر ئارىسىدا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى پەيدا بولغاندىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر كىرىزىسنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

  گېرمانىيە رەھبەرلىكىدىكى تۆت دۆلەت سۆھبەت يىغىنىدا ئالدىنقى پەيشەنبە (12-فېۋرال) ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغان، توقۇنۇشتىكى ئىككى تەرەپ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى رايونلاردىن ئېغىر تىپلىق قوراللارنى چېكىندۈرۈشنى، شۇنداقلا بىتەرەپ رايون تەسىس قىلىشنى قارار قىلغان. گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ناۋادا توقۇنۇشتىكى ئىككى تەرەپ ئۇرۇشنى توختاتمىسا، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى يەرلىك ئاھالىلەر غايەت زور بەدەل تۆلەپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر