باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«گۇاڭدۇڭ شياڭگاڭ ئاۋمېننىڭ ھەمكارلىق دوكلاتى» ئېلان قىلىندى

2015.02.15 09:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ھەمكارلىقى جەريانى، مېخانىزمى ۋە ھەمكارلىق قىزىق نۇقتىسى تۇنجى قېتىم سىستېمىلىق بايان قىلىنغان « گۇاڭدۇڭ شياڭگاڭ ئاۋمېننىڭ ھەمكارلىق دوكلاتى» ناملىق نوپۇزلۇق كىتاب 13-فېۋرال شياڭگاندا ئېلان قىلىندى. يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: دۆلەتنىڭ مۇلازىمەت سودىسىنى ئەركىنلەشتۈرۈش كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش تۈزۈمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئارقىسىدا، گۇاڭدۇڭ شياڭگاڭ ئاۋمېننىڭ سودا ساھەسى مۇلازىمەت سودىسىنى ئەركىنلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە مۇلازىمەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە زور ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىدۇ.

  شياڭگاڭدىكى گۇاڭدۇڭ ئىجتىمائىي تەشكىلاتى باش جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى خۇ جېنيۈ مۇنداق دېدى: گۇاڭدۇڭ شياڭگاڭ ئاۋمېننىڭ ھەمكارلىقى ئۈچ رايون تەرەققىيات ئارزۇسى ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان مۇھىم سەھنە، نۆۋەتتە مەركەز گۇاڭدۇڭ شياڭگاڭ ئاۋمېننىڭ ھەمكارلىقىغا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە.

  ئۈچ جاينىڭ ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يوشۇرۇن كۈچى چەكسىز، ئىستىقبالى كەڭ.

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېت ئىلىم كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى جاڭ يەنشېڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە گۇاڭدۇڭ شياڭگاڭ ئاۋمېننىڭ ھەمكارلىقى يېڭى باسقۇچقا كىرىپ، شەكلى تېخىمۇ موللاشتى، دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى بولدى. كەلگۈسى 35 يىل گۇاڭدۇڭ شياڭگاڭ ئاۋمېننىڭ ھەمكارلىقىنىڭ ئالتۇن مەزگىلى، ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇش ئەمگەككە تايىنىشتىن ئەقىل پاراسەتكە تايىنىشقا قاراپ بۇرۇلۇش ياسايدۇ. بۇ جەرياندا شياڭگاڭ ئاۋمېننىڭ ئۈستۈنلىكى تېخىمۇ گەۋدىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر