خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-فېۋرال خەۋىرى (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد فوتوسى) 1990– يىلى قۇرۇلغان، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى تەرىپىدىن «ئاز سانلىق مىللەتلەر كىيىم – كېچەكلىرىنى نۇقتىلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانا» دەپ نام بېرىلگەن، «شىنجاڭدىكى 10 داڭلىق ئاز سانلىق مىللەت كارخانىسى» بولغان ئۈرۈمچى «مۇنەۋۋەر» مودا كىيىم سودا چەكلىك شېركىتى 25 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر كىيىم – كېچەك مەدەنىيىتى تەرەققىياتى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاياللار «گۈزەللىك قۇرۇلۇشى» ئۈچۈن بىركىشىلىك ھەسسە قوشۇپ كەلدى. مەزكۇر شېركەت بازارغا سالغان ئوتتۇرا ۋە ياشانغان ئاياللارنىڭ تۈرلۈك كىيىم – كېچەكلىرى ھازىر شىنجاڭدىكى ئەڭ ئالقىشلىق كىيىملەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.
سۈرەتتە: 11 – فېۋرال ئۆتكۈزۈلگەن مۇنەۋۋەر كىيىم كېچەكلىرى كۆرگەزمىسى
مەنبە: خەلق تورى