باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تاكسى، كوچا ئاپتوبۇسىنىڭ قىياپىتىدە لاياقەتسىز ئەھۋاللاربايقالسا 200 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ

2015.02.12 13:32         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك يولۇچى ترانسپورت ئىشلىرىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش ئىشخانىسى تۈنۆگۈندىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تاكسى، كوچا ئاپتوبۇسىنىڭ قىياپىتىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تاكسى ۋە كوچا ئاپتوبۇسىنىڭ قىياپىتىدە لاياقەتسىز ئەھۋاللار بارلىقىنى بايقىسا، 200 يۈەن جەرىمانە قويۇشنى بېكىتتى.

  تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى كۈنى ئۈرۈمچى يولۇچى ترانسپورت ئىشلىرىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش ئىشخانىسى مېھمان كۈتۈش يولى، جەنۇبىي شىنخۇا يولى قاتارلىق بىر قانچە يول بۆلەكلىرىنى تەكشۈرۈپ، 400 تاكسىنىڭ قىياپىتىنى تەكشۈرۈپ 11 تاكسىدا لاياقەتسىز ئەھۋالنىڭ بارلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتى. ئاساسلىقى تاكسىلار مەينەت بولۇپ، ئورۇندۇق قاپلىرىمۇ يۇيۇلمىغان ۋە رەتسىز، ئوت ئۆچۈرگۈچ ئۈنۈمسىز ئىكەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك يولۇچى ترانسپورت ئىشلىرىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئەكبەر ئېزىز ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:- تۇنجى قېتىم جەرىمانە قۇيۇلغاندىن كېيىن 3 كۈن ئىچىدە ئاپتوموبىللارنى 2- قېتىم تەكشۈرىمىز. بەزىلىرىدىن بىز ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلدۇق ھەمدە ئۆزگەرتىش ئۇقتۇرۇشى چىقاردۇق. بەزى مەسىلە ئېغىر ساقلانغانلىرىغا قارىتا بىز جەرىمانە قويدۇق. مەيلى ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇلغانلىرى بولسۇن ياكى جەرىمانە قۇيۇلغانلىرى بولسۇن ھەممىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك يولۇچى ترانسپورت ئىشلىرىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش ئىشخانىسىغا بېرىپ ئاپتوموبىللىرىنى قايتىدىن بىر قېتىم تەكشۈرتىدۇ. تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغانلىرىنىڭ قايتىدىن كىرا قىلىشىغا روخسەت قىلىنىدۇ.

  200 يۈەنلىك جەرىمانىنى بەزى تاكسى شوپۇرلىرى قوبۇل قىلىپ توغرا چۈشەندى. ھەمدە بۇنداق بولغاندا شوپۇرلار تاكسىنىڭ قىياپىتىگە دېققەت قىلىپ، شەھەر ئوبرازىنى قوغدايدۇ، دەپ قارىدى. تاكسى شوپۇرى ئىمىن قادىر مۇنداق دېدى:- ئاپتوموبىللار پاكىزە بولسا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قاتناش قىياپىتىمۇ پاكىزە بولىدۇ. ئۈرۈمچىنىڭ ئوبرازىغىمۇ ياخشى. سىرتتىن كەلگەنلەر تۇنجى قېتىم ئۈرۈمچىدە تاكسىغا ئولتۇرىدۇ. ئۇلار پاكىزە تاكسىدا ئولتۇرسا كۆڭلىمۇ خوش بولىدۇ، بىزمۇ خوش بولىمىز.

  ئەمما يەنە بەزى شوپۇرلار مۇنداق دېدى:- جەرىمانە قويۇش ئارقىلىق ھېچقانداق مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. شوپۇر مۇرات مۇنداق دېدى:- جەرىمانىنى مەنمۇ قوللىمايمەن. جەرىمانە قويۇش ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك يولۇچى ترانسپورت ئىشلىرىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار خادىمى مۇنداق دېدى:- بىز يەنە بىكەتلەردىكى ئەسلىھەلەر ۋە بىكەتلەرنىڭ تازىلىقىنى تەكشۈرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر