باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇ يىل ئاقسۇ ۋىلايىتى 57 مىليون 740 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى

2015.02.12 13:39         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئاقسۇ ۋىلايىتى 57 مىليون 740 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، 866.81 كىلومېتىر سۇ بىلەن تەمىنلەش تۇرۇببىسى ياتقۇزۇپ، 77مىڭ 300 ئادەمنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى پىلانلىغان. بۇ يىل ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى دۆلەتنىڭ داۋاملىق مەبلەغ سېلىپ قۇرىدىغان يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۈيى بويىچە خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇش تۈرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، سۇ مەنبىيى يېرى قۇرۇلۇشى، سۇ بىر تەرەپ قىلىش قۇرۇلۇشى، سۇ تۇرۇببا تورى سەپلەش قاتارلىق سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، ئاقسۇ شەھىرى، باي ناھىيەسى، ئونسۇ ناھىيەسى قاتارلىق 8 ناھىيە( شەھەر) ۋە ۋىلايەتلىك قۇمتام دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ سۈيى ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل بولۇش ۋە سۇ سۈپىتى ئۆلچەمگە يەتمىگەن رايونلاردىكى يېزا ئاممىسى ھەمدە 17 مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر